شىنخۇئا ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، بۇ خىتاينىڭ خەلق پۇلى بىلەن مەبلەغ سېلىش راسچوتىنى تۇنجى قېتىم سىناق قىلىشى بولۇپ، ئۇيغۇر ئېلىدە بۇ خىل مەبلەغ سېلىشنى سىناق قىلىدىكەن.
مۇراسىم جۈمە كۈنى ئۈرۈمچىدە ئېلىپ بېرىلغان بولۇپ، مۇراسىمنى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ھۆكۈمەت ۋە خىتاي خەلق بانكىسى بىرلىكتە ئۇيۇشتۇرغان.
خەۋەردە نەقىل ئېلىپ كۆرسىتىشىچە، مۇراسىمدا سۆز قىلغان خىتاي خەلق بانكىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى خۇ شاۋليەن، بۇنىڭ "شىنجاڭنىڭ قوشنا ئەللەر بىلەن بولغان ئىقتىسادىي مۇناسىۋەتلىرىنى ئىلگىرى سۈرۈش ۋە مەبلەغ سالغۇچى شىركەتلەرنى خەتەردىن ساقلاپ قېلىشنى مەقسەت قىلىدىغانلىقى" نى كۆرسەتكەن.
خۇنىڭ بىلدۈرۈشىچە، خەلق پۇلى ئارقىلىق مەبلەغ سېلىش دېگەنلىك، خەلقئارالىق سودا ۋە مەبلەغ سېلىشتا خىتاي پۇلىنى ئىشلىتىش دېگەندىن ئىبارەت بولۇپ، بۇنداق بولغاندا چەتئەل پۇقرالىرى بىۋاسىتە خىتاي پۇلىدا ھېسابات ئاچالايدىكەن.
خەۋەرگە قارىغاندا، بەزى خىتاي سودىگەرلىرى دوللار ۋە ياۋرو قىممىتىنىڭ چۈشۈش ھادىسىسى چەتئەلگە مەبلەغ سالغان خىتاي شىركەتلىرىنى زىيانغا ئۇچراتقانلىقىنى، ئەگەر خىتاي پۇلى بىلەن بىۋاسىتە مەبلەغ سېلىنسا، بۇ خىتاي شىركەتلىرى ئۈچۈن پايدىلىق ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈشكەن.
بۇنىڭ ئۇيغۇر ئېلىنىڭ يەرلىك خەلقلىرىگە قانداق مەنپەئەت ئېلىپ كېلىدىغانلىقى ھازىرچە نامەلۇم.
خىتاي ھۆكۈمىتى جۈمە كۈنى، ئۇيغۇر ئېلىنى خەلق پۇلى ئارقىلىق چېگرا ھالقىغان مەبلەغ سېلىش تۈرلىرىنى راسچوت قىلىش سىناق رايونى قىلغانلىقىنى جاكارلىدى.