بۇ نۆۋەت تەشكىللەنگەن خىتاي دۆلەتلىك پۇتبول كوماندا ئەزالىرىنى چېنىقتۇرۇش، 23 - يانۋار شاڭخەيدە باشلىنىدىكەن.
خەۋەردە كۆرسىتىشىچە، بۇ نۆۋەتلىك خىتاي دۆلەتلىك پۇتبول كوماندىسىنىڭ مەشىق تىزىملىكىگە جەمئىي 29 نەپەر پۇتبولچى كىرگۈزۈلگەن.
بۇلارنىڭ ئىچىگە خىتاي دۆلەتلىك ئۆسمۈرلەر كوماندىسىدىن مەمەتجان ئىسىملىك بىر ئۇيغۇر ياشنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 4 نەپەر پۇتبولچى تاللىنىپ، خىتاي دۆلەت كوماندىسىغا كىرگۈزۈلگەن.
مەلۇم بولۇشىچە، مەمەتجان ئەسلى قەشقەردىن بولۇپ، ئۇ ئىلگىرى شەندۇڭ "لۇنېڭ" كوماندىسىدا توپ تەپكەن. خەۋەردە بۇ، "خىتاي دۆلەتلىك پۇتبول كوماندىسى تارىخىدا تۇنجى قېتىم بىر ئۇيغۇر يىگىتنىڭ خىتاي دۆلەتلىك پۇتبول كوماندىسىغا تاللىنىشى"، دەپ كۆرسىتىلگەن.