بىرلەشمە ئاگېنتلىقىدا كۆرسىتىشىچە، بۇ ھەقتىكى خەۋەرنى جەنۇبىي كورىيە ساقچى دائىرىلىرى ئاشكارىلانغان بولۇپ، بۇ ساياھەتچىلەر جەنۇبىي كورىيىنىڭ جەنۇبىي قىسمىغا جايلاشقان جەجۇ ئارىلىدا قېچىپ كەتكەن.
ساقچى دائىرىلىرىنىڭ ئاشكارىلىشىچە، يەكشەنبە كۈنى، 1300 نەپەر خىتاي ساياھەتچى جەجۇ ئارىلىغا ساياھەتكە ئېلىپ كېلىنگەن. ھالبۇكى بۇلارنىڭ ئارىسىدا 44 نەپەر خىتاي ساياھەتچى ئارالدىن قايتىشىدا كېمىگە قايتىپ كەلمىگەن.
نۆۋەتتە جەنۇبىي كورىيە ساقچىلىرى بۇلارنى ئىزدىمەكتە ئىكەن. مەلۇم بولۇشىچە، جەجۇ ئارىلىغا زىيارەتكە كېلىدىغان خىتاي پۇقرالىرىدىن ۋىزا ئېلىنمايدىكەن.
خەۋەردە ئوتتۇرىغا قويۇلۇشىچە، نۆۋەتتە جەنۇبىي كورىيىدە 170 مىڭ ئەتراپىدا قانۇنسىز ئىشچى بار بولۇپ، بۇلارنىڭ 40 پىرسەنتىنى خىتايدىن كەلگەنلەر تەشكىل قىلىدىكەن.