بۇ دېمەكچى، بۇنىڭدىن كېيىن ھەق تەلەپ دەۋا ئىشلىرىدا دەخلى تەرۇز تۆلىمى ئىچىدە تۆلەم تەلەپ قىلغۇچىلار مال - مۈلۈك زىيىنىنى تۆلەپ بېرىشنى تەلەپ قىلغاندىن سىرت يەنە، روھىي زىيان تۆلىمى بېرىشنى تەلەپ قىلىشقا بولىدىكەن.
ئۇنىڭ ئالدىدا خىتايدا يولغا قويۇلۇپ كەلگەن تۆلەم قانۇنىغا روھىي زىيانغا تۆلەم بېرىش بەلگىلەنمىگەنلىكى ئۈچۈن، دۆلەت ئورگانلىرى ھەم ئۇنىڭ خىزمەتچىلىرى پۇقرالارنىڭ ئىنسانىي ھەق - ھوقوق ھەم ساغلاملىقىغا دەخلى تەرۇز قىلغاندا ئوخشاش روھىي جەھەتتىن زىيان ئېلىپ كەلگەن تەقدىردىمۇ، قانۇن بۇيىچە روھىي زىيانغا تۆلەم بېرىش مەسئۇلىيىتى سۈرۈشتە قىلىنماي كەلگەن.
ئەمما كۆزەتچىلەرنىڭ قارىشىچە، گەرچە مەزكۈر قانۇن بېكىتىلگەن بولسىمۇ، ئەمما بۇنىڭ يۈرۈشىشىدە،خىتايدا دۆلەت تۆلەم راسخوتىنىڭ كاپالەتكە ئىگە بولۇشىنىڭ قىيىنلىقى، روھىي زىياننىڭ تۆلەم ئۆلچىمىنى بىرلىككە كەلتۈرۈش مۇرەككەپلىكى شۇنداقلا سوت مەھكىمىسىنىڭ يۈز بەرگەن كونكرېت مەسىلىگە بېرىلگەن كونكرېت چۈشەندۈرۈشلەر ئارقىلىقلا روھىي زىيان تۆلىمى ھەققىدە قارار ئالالايدىغانلىقىدەك قېيىن مەسىلىلەر مەۋجۇت ئىكەن.
خىتاي كۆزەتچىلىرى ئىنسان ھەقلىرى كاپالەتكە ئىگە قىلىنمىغان كوممۇنىستىك تۈزۈم ئاستىدىكى خىتايدا، پۇقرالارنىڭ روھىي جەھەتتىكى زىيانلىرى ئۈچۈن تۆلەم تەلەپ قىلىش قانۇنىي ھوقۇقىنىڭ كاپالەتكە ئىگە قىلىنىشىغا گۇمان بىلەن قارىماقتا.