خىتاي ئۇيغۇر ئېلىدە بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش قانۇنى تۈزۈشكە باشلىغان

خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر ئېلىدە بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش قانۇنى تۈزۈشكە باشلىغان بولۇپ، تەيۋەن مەركىزىي ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنى خەلق قۇرۇلتىيى رەئىسى ئەركىن ئىمىرباقى بۇ ھەقتە كونكرېتنى كۆرسەتمە بەرگەن.

خەۋەردە كۆرسىتىشىچە، ئەركىن ئىمىر باقى " ئاپتونوم رايوننىڭ مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى تەربىيىسى نىزامنامىسى "، "ئاپتونوم رايوننىڭ بۆلگۈنچىلىككە قارشى كۈرەش قىلىش بەلگىلىمىسى" قاتارلىق ئىككى تارماق قانۇن - نىزاملارنى تۈزۈش ۋە "، " ئاپتونوم رايوننىڭ جەمئىيەت ئامانلىقىنى ئومۇملاشتۇرۇپ تۈزەش خىزمىتى نىزامنامىسى" ۋە " ئاپتونوم رايوننىڭ دىننى باشقۇرۇش نىزامنامىسى" قاتارلىق قانۇن تارمىقىنى ئوز ئۆزگەرتىش خىزمىتىنىڭ باشلانغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

خەۋەردە خىتاي " قانۇنچىلىق" گېزىتىدىن نەقىل ئېلىپ كۆرسىتىشىچە، ئەركىن ئىمىرباقى يەنە، قانۇن تۈزۈش خىزمىتىگە نازارەتچىلىك قىلىشنى كۈچەيتىپ، ھۆكۈمەت ۋە ئەدلىيە ئورگانلىرىنىڭ بۆلگۈنچىلىك قىلمىشلىرىغا قاتتىق زەربە بېرىش ھەرىكىتىنى قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

5 - ئىيۇل ئۈرۈمچى نامايىشى پارتلىغاندىن كىيىن، خىتاي يەرلىك ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر ئېلىدە بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش مەقسەت قىلىنغان قانۇن تۈزۈپ چىقىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن ئىدى.