خىتاي، قانۇن خىزمىتى يىغىنىدا 'دۆلەت دۈشمەنلىرىگە زەربە بېرىش'نى تەكىتلىدى

خىتاي جامائەت خەۋپسىزلىك مىنىستىرلىقىنىڭ مۇئاۋىن مىنىستىرى ياڭ خۇئەننىڭ خىتاي ئىچى - سىرتىكىدىكى بۆلگۈنچى قاتارلىق"دۆلەت دۈشمەنلىرىگە زەربە بېرىش" توغرىسىدا يوليورۇق بەرگەن ۋە ئۇ، نۇتقىدا ئۇيغۇر ئېلى ۋە تىبەتلەرنىڭ جەمئىيەت مۇقىملىقى ھەققىدىمۇ مەخسۇس توختالغان.

ياڭ خۇئەننىڭنىڭ بۇ نۇتقى 18 - دېكابىر چاقىرىلغان خىتاي دۆلەتلىك قانۇن خىزمىتى يىغىنىدا سۆزلەنگەن بولسىمۇ، ئەمما 28 - دېكابىر خىتاي قانۇن گېزىتىدە ئاشكارىلاندى.

ئۇنىڭ نۇتقىدا ئاساسلىقى خىتاينىڭ كومپارتىيە رەھبەرلىكىدىكى بىر پارتىيىلىك تۈزۈمىگە قارشى ھەرقانداق تەھدىتلەرگە ئالدىن زەربە بېرىش كۆرسىتىلگەن.

ئۇنىڭ نۇتقىدا : "خىتايغا قارشى غەرب دۈشمەن كۈچلىرىنىڭ خىتاينى غەربلەشتۈرۈش ۋە دۆلەتنى پارچىلاش، دۈشمەن كۈچلەردىن پايدىلىنىپ جەمئىيەتتە مۇقىمسىزلىق پەيدا قىلىش سۇيىقەستى" نىڭ خىتاينىڭ دۆلەت بىخەتەرلىكى ۋە جەمئىيەت مۇقىملىقىغا تەسىر كۆرسىتىپ تۇرۇۋاتقانلىقى، شۇڭلاشقا بۇ خىلدىكى كۈچلەرگە "دۆلەت ئىچى - سىرتىدا ئالدىن قاتتىق زەربە بېرىش" كېرەكلىكى كۆرسىتىلگەن.

نۇتۇقنىڭ ئۇيغۇر ئېلى ۋە تىبەتلەر تىلغا ئېلىنغان مەخسۇس بۆلىكىدە، "دۈشمەنلەرگە قارشى كۈرەشتىكى ئاكتىپلىقنى تولۇق كاپالەتكە ئىگە قىلىش، سىيائىسىي ئۆتكۈرلۈك ۋە سىياسىي پەرقلەندۈرۈش ئىقتىدارىنى تېخىمۇ ئاشۇرۇش، ئۇچۇر - مەلۇمات يەتكۈزۈش خىزمىتىنى زور كۈچ بىلەن كۈچەيتىش، دۆلەت سىرتىدىكى دۈشمەن كۈچلەرگە قاتتىق زەر بېرىش، مىللىي بۆلگۈنچىلىككە، زوراۋان تېررورلۇققا، دۇنياۋى ئەسەبىيلىككە قاتتىق زەربە بېرىش" قاتارلىق ئاتالغۇلار ئالاھىدە كۆزگە چېلىقىدۇ.

بۇ ئۇيغۇر ئېلىدە سىياسىي ۋە باشقا شەكلىدىكى باستۇرۇشلارنىڭ يەنىمۇ كەسكىنلىشىدىغانلىقىنىڭ بېشارىتى دەپ كۆرسەتكەن دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى باياناتچىسى دىلشات رىشىت مۇنداق دېدى: "خىتاي ھۆكۈمىتى ئۆتكەن ئىككى ئايدىن بۇيان ئۇيغۇر ئېلىدە قاتتىق زەربە بېرىش ھەرىكىتى قوزغاپ، ئۇيغۇر ئېلىدە "سىياسىي ۋە ھەربىي تىنجىتىش سالمىقى"نى يەنىمۇ ئاشۇرغان ئىدى. ياڭنىڭ بۇ كورسەتمىسى ئۇيغۇر ئېلىدە شۇ خىل شەكلىدە ئېلىپ بېرىۋاتقان باستۇرۇش ھەرىكەتلىرىنى سىياسىي ئاساس بىلەن تەمىنلەيدۇ."

دىلشات رىشىتنىڭ بىلدۈرۈشىچە يەنە، بۇ يوليورۇق ئۇيغۇر ئېلىدە كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىنى تېخىمۇ ئۆتكۈرلەشتۈرىدىكەن.