خىتاينىڭ يېڭىدىن ئۆزگەرتىش كىرگۈزۈلگەن جىنايى ئىشلار قانۇنى ئۆكتىچىلەرنىڭ سوتنىڭ ھۆكۈمسىز تۇتۇپ تۇرۇلۇشىنى قانۇنىي ئاساس بىلەن تەمىن ئېتىدىكەن

خىتاينىڭ يېڭىدىن ئۆزگەرتىش كىرگۈزۈلگەن جىنايى ئىشلار قانۇنى ئۆكتىچىلەرنىڭ سوتنىڭ ھۆكۈمسىز تۇتۇپ تۇرۇلۇشى، گۇماندارلارنى ساقچىلارنىڭ خالىغانچە تۇتۇپ تۇرۇشىنى قانۇنىي ئاساس بىلەن تەمىن ئېتىدىكەن.

بۇ خەۋەر جۈمە كۈنى خىتاينىڭ قانۇن گېزىتىدە ئېلان قىلغان بولۇپ، بۇ كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىلىرىنىڭ دىققىتىنى تارتقان.

بىرلەشمە ئاگېنتلىقىدا نەقىل قىلىشىچە، خوڭكوڭدىكى مۇستەقىل كىشىلىك ھوقۇق تەتقىقاتچىسى جوشىۋا روسېنۋيگ خىتاي جىنايى ئىشلار قانۇنىغا كىرگۈزۈلگەن تۈزىتىشكە نوبېل تىنچلىق مۇكاپاتى ساھىبى ليۇ شاۋبودەك داڭلىق ئۆكتىچىلەرنىڭ مەخپىي ئورۇندا تۇتۇپ تۇرۇشىنى قانۇنلۇق قىلىپ كۆرسىتەلەيدىكەن؛ قانۇنغا كىرگۈزۈلىدىغان ئۆزگەرتىشلەرنىڭ خىتاي ساقچىلىرىغا تېخىمۇ چوڭ ھوقۇق بېرىدىغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلمەكتە.

بۇ ھەقتە توختالغان بېيجىڭلىق ئادۋوكات ليۇ شاۋيۈەن: بۇ، خىتاي قانۇنىدىكى بىر چېكىنىش، دېگەن ۋە دائىرىلەرنىڭ بۇنى قانۇن قىلىپ بېكىتىشتىن ئىلگىرى قايتا ئويلىنىپ بېقىش كېرەكلىكنى تەۋسىيە قىلغان.