خىتاينىڭ جىنايى ئىشلار قانۇنىغا تۈزىتىش كىرگۈزۈش لايىھىسى تەنقىدكە ئۇچرىدى

خىتاينىڭ ئۆكتىچى ۋە دۆلەت بىخەتەرلىك قىلمىشى سادىر قىلغان گۇماندارلارنى ئۇلارنىڭ ئائىلە-تاۋاباتىغا خەۋەر قىلماي، مەخپىي تۇتۇپ تۇرۇشنى قانۇنلاشتۇرۇش توغرىسىدىكى جىنايى ئىشلار قانۇنىغا تۈزىتىش كىرگۈزۈش لايىھىسى كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىلىرىنىڭ تەنقىدىگە ئۇچرىدى.

كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى مەزكۇر قانۇن لايىھىسى ج خ ۋە دۆلەت بىخەتەرلىك ئورگانلىرىنىڭ ھوقۇقىنى ئىلگىرىلەپ كۈچەيتىپ، ئۇلارنىڭ خالىغانچە ئادەم تۇتۇش قىلمىشىنى قانۇنلاشتۇرىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن.

جۇڭگو كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتىنىڭ ئالىي دەرىجىلىك تەتقىقاتچىسى نىكولاس بېكۇلىن مەزكۇر قانۇن لايىھىسىنىڭ خەلقئارا ئۆلچەمگە خىلاپ ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتىپ، «خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق قانۇنىنىڭ ئاچقۇچلۇق پرىنسىپلىرىدىن بىرى ئەركىنلىك پەقەت سوت مەھكىمىسىنىڭ قارارى ئارقىلىقلا تارتىۋېلىنالايدۇ» دېگەن.

مەزكۇر قانۇن لايىھىسى سەيشەنبە كۈنى خىتاي خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ تور بېتىدە ئېلان قىلىندى. ئۇنىڭدا ئامانلىق كۈچلىرىنىڭ «دۆلەت بىخەتەرلىك، تېررورلۇق ۋە ئېغىر پارىخورلۇق جىنايىتى سادىر قىلغان گۇماندارلار» نى ئادەتتىكى تۇتۇپ تۇرۇش ئورۇنلىرىدىن باشقا جايدا تۇتۇپ تۇرۇشىغا بولىدىغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەن.

يەنە بەزى ئادۋوكاتلار ئەگەر بۇ لايىھە ماقۇللانسا بۇنىڭ ئەڭ كۆپ ئۇيغۇرلارغا تەسىر كۆرسىتىدىغانلىقىنى، خىتاي ئامانلىق كۈچلىرىنىڭ مەزكۇر قانۇندىن پايدىلىنىپ، ئۇيغۇرلارنى خالىغانچە تۇتقۇن قىلىش ۋە ئىز-دېرەكسىز يوقىتىۋېتىشىغا ئىلگىرىلەپ يول ئېچىپ بېرىدىغانلىقىنى بىلدۈرمەكتە.

بىراق شىنخۇا ئاگېنتلىقى بەزى خىتاي ھۆكۈمەت قانۇن مۇتەخەسسىسلىرىنىڭ سۆزىنى نەقىل كەلتۈرۈپ، مەزكۇر لايىھە «كىشىلىك ھوقۇقنى قوغداشقا پايدىلىق» ئىكەنلىكىنى ۋە ئۇنىڭ «خەلقئارا ئەھدىنامىلەرگە خىلاپ ئەمەسلىكى» نى ئىلگىرى سۈرگەن.