خىتاي مەركىزى ھۆكۈمەت ئەدلىيە-قانۇن ئىسلاھات ئىشخانىسىنىڭ مەسئۇلى جياڭ ۋېي سەيشەنبە كۈنىدىكى مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا بايانات بېرىپ، بۇ قېتىمقى ئەدلىيە-قانۇن ئىسلاھاتىدا، 1957-يىلدىن بۇيان خىتايدا يۈرگۈزۈلۈپ كېلىۋاتقان «ئەمگەك بىلەن ئۆزگەرتىش جازاسى» قانۇنى ۋە باشقا قانۇنىي ماددىلارغا تۈزىتىش كىرگۈزۈلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
ئەمگەك بىلەن ئۆزگەرتىش جازاسى 30-يىللاردا سابىق سوۋېت ئىتتىپاقىدا يولغا قويۇلغاندىن بۇيان شەرقىي ياۋروپادىكى ۋە ئاسىيادىكى كوممۇنىستىك تۈزۈمدىكى دۆلەتلەردە بىر مەزگىل ئومۇملاشقان. نۆۋەتتە خىتاي، شىمالىي كورىيە قاتارلىق دۆلەتلەردە بۇ خىل سوتنىڭ ھۆكۈمىسىز جازالاش تۈزۈمى يەنىلا داۋاملىشىۋاتقان بولۇپ، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان خىتاي ئىچىدە بۇ خىل جازالاش ئۇسۇلىغا بولغان قارشىلىق بارغانچە كۆپەيگەن بولسا، خەلقئارادا خىتاي ھۆكۈمىتىنى «ئەمگەك بىلەن ئۆزگەرتىش جازاسى» نى بىكار قىلىشقا چاقىرىپ، ئەيىبلەش سادالىرى كۈچەيگەن ئىدى.
