خىتاي ئوقۇغۇچى جۇ خەيياڭ ئادەم ئۆلتۈرۈش جىنايى بىلەن ئەيىبلەندى

ئامېرىكا ۋىرگىنىيە شتاتلىق سوتچىلىرى مەزكۇر شتاتقا جايلاشقان تېخنولوگىيە ئۇنىۋېرسىتېتى ئوقۇغۇچىسى جۇ خەيياڭنى ئادەم ئۆلتۈرۈش جىنايى بىلەن ئەيىبلىدى.

مەلۇم بولۇشىچە، ۋىرگىنىيە شتاتى تېخنولوگىيە ئۇنىۋېرسىتېتى ئوقۇغۇچىسى جۇ خەيياڭ يېڭىدىن كەلگەن شىن ياڭ ئىسىملىك خىتاي ئوقۇغۇچىغا ئاشىق بولۇپ قالغان، ئەمما شىن، جۇنىڭ تەلىپىنى رەت قىلغان.

بىرلەشمە ئاگېنتلىقىدا كۆرسىتىشىچە، رەت قىلىشقا ئۇچرىغان جۇ دەردكە چىدىماي شىننى ئۆلتۈرۈۋەتكەن. دۈشەنبە كۈنى بۇ ھەقتە ئېلىپ بېرىلغان سوتتا جۇ ئادەم ئولتۇرۇش جىنايىتى بىلەن قارىلاندى ۋە جىنايىتى ئىسپاتلاندى.

خەۋەردە نەقىل قىلىنىشىچە، جۇ بۇ يىل 20 - يانۋار شىنغا تەلەپ قويغان، ئەمما شىن ئۆزىنىڭ ئوغۇل دوستى بارلىقى، يېقىندا توي قىلماقچى بولغانلىقىنى ئېيتقان.

جۇنىڭ ئىلگىرى تۈرمىدىن يوللىغان ئىقرارنامىسىدا كۆرسىتىشىچە، بۇ خەۋەردىن ئازابلانغان جۇ 21 - يانۋار بازاردىن 20 سانتىمېتىر ئۇزۇنلۇقتىكى قاسساپ پىچىقى سېتىۋېلىپ، شۇ كۈنى شىننى ئۆلتۈرگەن.

مەلۇم بولۇشىچە، جۇ مۇددەتسىز قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنىشى مۇمكىن ئىكەن. جۇ خەيياڭ خىتاينىڭ نىڭبو شەھىرىدىن، شىن ياڭ بولسا بېيجىڭ شەھىرىدىن بولۇپ، ئۇلار تېخى بۇ يىل تونۇشقان ئىكەن.