خىتاي، قازاقىستان بىلەن بولغان مۇناسىۋەتنى چىڭىتىش ئۈچۈن ئادەم ئەۋەتتى

شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ ئاستانىدىن بايان قىلىشىچە، خىتاينىڭ سىياسىي بيۇرو ئەزاسى يۈ جېڭشېڭ قازاقىستان بىلەن بولغان مۇناسىۋەتنى چىڭىتىش ئۈچۈن 25‏ - سېنتەبىر كۈنى ئاستانىغا بېرىپ، قازاقىستان باش مىنىستىرى مەسىموۋ ۋە پارلامېنت باشلىقى توقايېۋ بىلەن كۆرۈشكەن.

خەۋەردە بايان قىلىنىشىچە، يۈ جېڭشېڭ ئالدى بىلەن قازاقىستاننىڭ تەيۋەن، تىبەت، شىنجاڭغا ئائىت مەسىلىلەردە، خىتاينىڭ بۆلگۈنچىلىك، تېررورچىلىق، ئېكىستېرمىچىلىقتىن ئىبارەت ئۈچ خىل كۈچلەرگە قارشى تۇرۇشىنى قوللاپ كېلىۋاتقانلىقىغا رەھمەت ئېيتقان.

مەسىموۋ ئەپەندى، خىتاي بىلەن بولغان مۇناسىۋەتنى چىڭىتىش -- قازاقىستاننىڭ تاشقى ئىشلار مۇناسىۋىتىدىكى مۇھىم نوختا ئىكەنلىكىنى، قازاقىستان بۇنىڭدىن كېيىن خىتاي بىلەن تېخىمۇ كۆپ جەھەتتە ھەمكارلىشىشقا تەييار ئىكەنلىكىنى؛ توقايېۋ ئەپەندى، خىتاي دۆلەت قۇرغانلىقىنىڭ 60 يىللىقىنى تەبرىكلەيدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.