خۇ جىنتاۋ ئاستانىنى زىيارەت قىلىپ، قازاقىستان ئوتتۇرا ئاسىيا نېفىت تۇرۇبىسىنى كېڭەيتىش كېلىشىمى ئىمزالايدۇ

خىتاي دۆلەت رەئىسى خۇ جىنتاۋ ئاستانىنى زىيارەت قىلىپ، قازاقىستان بىلەن خىتاي - قازاقىستان نېفىت تۇرۇبا يولىنى كېڭەيتىش كېلىشىمى ئىمزالايدىكەن ھەم بۇ جەرياندا شەرقىي تۈركىستان كۈچلىرىگە قارشى قازاقىستاننىڭ ھەمكارلىقىنى قولغا كەلتۈرۈشكە تىرىشىدىكەن.

"جۇڭگو نېفىت شىركىتى" نىڭ بىر ئەمەلدارى رويتېرس ئاگېنتلىقىغا ئۇچۇر بېرىپ، خۇ جىنتاۋنىڭ ئاستانا بىلەن نېفىت تۇرۇبا يولىنى كېڭەيتىشكە دائىر كېلىشىم ئىمزالايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. خۇ جىنتاۋ بۇ سەپىرىدە يەنە ئۆزبېكىستاننى زىيارەت قىلىپ، 11 ‏- ئىيۇن تاشكەنت شەھىرىدە ئېچىلىدىغان شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ باشلىقلار يىغىنىغا قاتنىشىدىكەن.

خىتاي ياردەمچى تاشقى ئىشلار مىنىستىرى چېن گوپىڭ خۇ جىنتاۋنىڭ ئاستانىدىكى مەزگىلىدە "شەرقىي تۈركىستان بۆلگۈنچىلىرى" گە قارشى قازاقىستاننىڭ ھەمكارلىقىنى قولغا كەلتۈرۈشكە تىرىشىدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن. رويتېرس خەۋىرىدە، قازاقىستان - خىتاي نېفىت تۇرۇبا يولىنىڭ ئۇيغۇر زېمىنىدىن ئۆتىدىغانلىقىنى ئەسكەرتىپ، بۇنىڭ ئۆزى خىتاي ئۈچۈن خەتەرلىك ھېسابلىنىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

پىلانغا ئاساسەن نېفىت تۇرۇبا يولىنىڭ كۈندىلىك توشۇش ئىقتىدارى 2013‏ - يىلغا قەدەر بىر ھەسسە كۆپەيتىلىپ، 400 مىڭ ۋارىلغا يەتكۈزۈلىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن. خىتاي بۇ يىل 4 ‏- ئايدا قازاقىستاندىن تۇرۇبا يولى ئارقىلىق 5 مىليون ۋارىل خام نېفىت ئىمپورت قىلغان بولۇپ، بۇ خىتاي خام نېفىت ئومۇمى ئىمپورت مىقدارىنىڭ 4% نى ئىگىلىگەن.