شىنخۇئا ئاگېنتلىقىنىڭ ئاشكارىلىشىچە، ئەمما، خىتاي بۇ يىلنىڭ بىرىنچى يېرىمىدا مەزكۇر تۇرۇبا ئارقىلىق بەش مىليون توننا نېفىت ئېلىپ كىرگەن بولۇپ، بۇرۇنقىدىن بەش ھەسسە ئاشۇرغان. 2009 - يىلى خىتاي 7 مىليون 700 مىڭ توننا نېفىت كىرگۈزگەن بولۇپ، بۇ يىل 10 مىليون توننىگا يەتكۈزۈش ئېھتىماللىقى زور ئىكەن.
يېقىندا خىتاينىڭ دۇنيا بويىچە ئەڭ كوپ ئېنېرگىيە سەرپ قىلىدىغان مەملىكەت ئىكەنلىكى ئېلان قىلىنغان بولۇپ، خىتاي ئوتتۇرا شەرقتىن باشقا رۇسىيە ۋە ئوتتۇرا ئاسىيا ھەم كاۋكازىيە رايونلىرىنىڭ نېفىتلىرى ۋە تەبىئىي گازلىرىنى توشۇشنى پىلانلىغان ئىدى.
ھازىر قازاقىستان بىلەن خىتاي ئارىسىدا ئوتتۇرا ئاسىيا - خىتاي تەبىئىي گاز تۇرۇبىسى ۋە رۇسىيە بىلەن خىتاي ئارىسىدا تەبىئىي گاز تۇرۇبىسى قۇرۇلماقتا. بۇ لىنىيىلەرنىڭ ھەممىسى ئۇيغۇر ئېلى ئارقىلىق ئۆتىدۇ.
قازاقىستاندىكى ئاتاسۇدىن، ئۇيغۇر ئېلىدىكى مايتاغقىچە بولغان نېفىت ئاققۇزۇش تۇرۇبىسىنىڭ ئۇزۇنلۇقى 1200 كىلومېتىر ئەتراپىدا كېلىدۇ.
