قارغىلىق ناھىيىسىدىكى مەكتەپلەردە قىز - ئوغۇل ئوقۇغۇچىلارنىڭ دەرسخانىدىلا ئەمەس، بەلكى سرتتىمۇ باش كېيىم كېيىشى چەكلەنگەن. ئادەتتە، باش كېيىم بىلەن مەكتەپكە كەلگەنلەر دەرۋازىدىن كىرگۈزۈلمەيدۇ. مەكتەپ بىلەن ياكى بالىلىرى بىلەن ئالاقىلىشىش ئۈچۈن كەلگەن ئاتا - ئانىلارمۇ مەكتەپلەرگە باش كېيىم بىلە كەلسە دەرۋازىدىن كىرگۈزۈلمەيدۇ.
فرانسىيە ئاگېنتلىىقنىڭ بايان قىلىشىچە، كوممۇنىست خىتاي ھۆكۈمىتى ھازىر ھاكىمىيەت قۇرغانلىقىنىڭ 60 يىللىقىنى خاتىرىلەش ئۈچۈن، يۈز مىڭلىغان قوراللىق ساقچى ۋە فورمىسىز ساقچى ئۇيۇشتۇرۇپ، ئۇلارنى ھەر قايسى جايلارغا ئورۇنلاشتۇرۇشقا باشلىغان. ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا بولسا، خىتايلار ھازىر گېزىت - ژۇرناللاردا ھەر خىل ماقالىلەرنى ئېلان قىلىپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقىنىڭ 60 يىللىق نەتىجىلىرىنى سۆزلەشكە باشلىغان.
بەزى ئۇچۇر ۋاستىلىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، ئۇيغۇرلار ھازىر پەقەت ئۆزىنىڭ ئاۋازىنى چىقىرىشقا مۇمكىن بولغان ناھايىتى چەكلىك ئىمكانىيەتلەردىن پايدىلىنىپ، خىتايلارنىڭ ئارمىيىگە، ساقچىغا ۋە قالپاق كەيگۈزۈشكە تايىنىپ ئېلىپ بېرىۋاتقان يالغان تەشۋىقاتلىرىنى پاش قىلماقتا.
بەزى زىيالىيلار، 'خىتايلارنىڭ ئېلان قىلغان ماقالىلىرىدە 1952 - يىلىدىكى مىللي دارامەت 2008 - يىلىغا كەلگەندە 341 ھەسسە ئۆستى، نامراتلارنىڭ سانى يىلدىن - يىلغا ئازلاپ ھازىر 2 مىيون 800 مىڭغا چۈشۈپ قالدى، دېگەنلىكى، دەل 60 يىللىق مىللەتلەر ئىتتىپاقى دېگەن سىياسەتنىڭ نەتىجىسى ' دەپ يازدى.