رابىيە قادىر خانىم بۇ سۆزلەرنى، ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى ئىگىدارچىلىقىدىكى "پۇقرا"يەنى"The National" ئىنگلىزچە ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا بىلدۈرگەن بولۇپ، ئۇ يەنە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ قەشقەر قەدىمىي شەھىرىنى چېقىش ئارقىلىق "شەرقىي تۈركىستاننى خىتاي شەھەرلىرى سىياقىغا كىرگۈزمەكچى" بولغانلىقىنى قوشۇمچە قىلغان.
قەشقەرنىڭ نەچچە مىڭ يىللىق ئۇيغۇر مىللىي مەدەنىيىتىنىڭ جەۋھىرىگە ۋەكىللىك قىلىدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويغان رابىيە قادىر خانىم، قەشقەر قەدىمىي شەھەر رايوندىكى قۇرۇلۇش شەكلى بىلەن قول ھۈنەرۋەنچىلىك ۋە سودا ئىگىلىكىنىڭ ئۆز - ئارا باغلىنىشلىق ئىكەنلىكىنى، ئەگەر بۇ كىشىلەر باشقا جايلارغا يۆتكەلسە، ھايات كەچۈرۈش يولى ئۈزۈلىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن.
خەۋەردىن مەلۇم بولۇشىچە، خىتاي مەزكۇر كۆچۈرۈش پىلانىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن 440 مىليون دوللار مەبلەغ سالغان بولۇپ، بۇ نۆۋەت قەشقەر قەدىمىي شەھەر رايونىدىن جەمئىي 220 مىڭ نوپۇس كۆچۈرۈلىدىكەن.