خەلقئارادا 'ئەمگەك بىلەن ئۆزگەرتىش' دېگەننىڭ ئۆزىلا قانۇنسىزلىق دەپ ھېسابلىنىدۇ. ئەمما خىتاي ھۆكۈمىتى ئەمگەك بىلەن ئۆزگەتىش دېگەن بۇنداق قانۇنسىز ۋاستىنى ئۇزۇندىن بۇيان قوللىنىپ كەلمەكتە.
خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا جازا مۇددىتى توشۇپ قويۇپ بېرىلگەن كىشىلەرنى قايتىدىن ئورۇنلاشتۇرۇشقا يېتەكچىلىك قىلىدىغان رەھبەرلىك گۇرۇپپىنىڭ ھۆججىتىدە 'جازا مۇددىتى توشقاندىن كېيىنمۇ جەمئىيەتكە خەۋپ يەتكۈزىشى مۇمكىن دەپ قارالغان بىرىىنجى خىل كىشىلەر؛ جازا مۇددىتى توشقان كېيىن، 3 يىللىق ئەمگەك بىلەن ئۆزگەرتىش مۇددىتى توشمىغان ئىككىنجى خىل كىشىلەر؛ جازا مۇددىتى توشقان، ئەمگەك بىلەن ئۆزگەرتىش مۇددىتىمۇ توشقان، قايتىدىن جىنايەت ئۆتكۈزۈش خاھىشى بارلىقىمۇ بايقالمىغان ئۈچىنجى خىل كىشىلەر؛ جازا مۇددىتى توشقاندىن كېيىن ساقچى ئورگانلىرى تەرىپىدىن ۋاقىتلىق ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇلغان تۆتىنجى خىل كىشىلەر، بۇلارنىڭ ھەممىسى مەھەللىلەردە ئامانلىق ساقلاش تارماقلىرى تەرىپىدىن داۋاملىق ئەمگەك بىلەن ئۆزگەرتىلىدۇ' دەپ بەلگىلەنگەن. بۇ ھۆججەت 2004 - يىلى 'چىڭداۋ ئامانلىق تورى'دا ئېلان قىلنغان ئىدى.
خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ قېتىم قەشقەردىكى ئەمگەك بىلەن ئۆزگەرتىش ئورنىنىڭ خادىملىرىگە، ئۈچىنجى خل كىشىلەرگە قارىتا مىللەتلەر ئىتتىپاقى تەربىيىسى ئېلىپ بېرىش توغرىسىدا مەخسۇس ئۆلچەملىك سۆز تېكىستى بېسىپ تارقىتىپ بەرگەن. ئۇلار بۇخىل 'تەربىيە' نى زەھەرلىك چېكىملىكتىن مەجبۇرىي قۇتۇلدۇرۇلىدىغان كىشىلەرگىمۇ ئېلىپ بېرىۋاتىدۇ.