خىتايدىن نېگىرىيىگە قورال ئېكسپورت قىلغان ئەنگلىيىلىك جازاغا تارتىلدى

خىتايدىن يۆتكەلگەن قورال-ياراقلارنى نېگىرىيىگە ئېكسپورت قىلىشقا ياردەم قىلغان بىر ئەنگلىيىلىك قورال سودىگىرى 7 يىللىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان.
مۇخبىرىمىز جۈمە
2012.12.05

گاري ھيدې ئىسىملىك بۇ سودىگەر 2007-يىلى 40 مىڭ تال AK-47 تىپلىق ئاپتومات، 30 مىڭ تال مىلتىق، 10 مىڭ تاپانچا ۋە 32 مىليون تال ئوقنى خىتايدىن نېگىرىيىگە يۆتكەپ بەرگەن.

گاري ھيدې بۇ قورال ياراقلارنى ئەنگلىيىنىڭ رۇخسىتىسىز يۆتكىگەن ۋە بۇنىڭغا بېرىلگەن 1 مىليون دوللار تاپان ھەققىنى ھۆكمەتتىن يوشۇرغان.

خىتاي بىلەن نېگىرىيە ئارىسىدا تۈزۈلگەن بۇ قورال سودىسى توختامى قانۇنلۇق بولسىمۇ، يۆتكەپ بەرگۈچى ئەنگلىيىلىك بولغاچقا ئەنگلىيە دائىرىلىرىدىن يۆتكەش رۇخسىتى ئېلىشى كېرەك ئىكەن.

نىگېرىيىمۇ باشقا ئافرىقا ئەللىرىگە ئوخشاش خىتايدىن يېنىك تىپتىكى قوراللارنى كۆپ سېتىۋالىدىغان دۆلەتلەرنىڭ بىرى. بۇ خىلدىكى قوراللار خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ دىققىتىنى تارتىۋاتقان ئىدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.