بۈگۈن خىتاي قوراللىق قىسىملىرى كۇچادا كەڭ كۆلەملىك چارلاش ئېلىپ باردى

رادىئومىز ئىگىلىگەن ئۇچۇرلارغا قارىغاندا، بۈگۈن خىتاي ھۆكۈمىتى كۇچا ناھىيىسىدە، خىتاي قوراللىق قىسىملىرى بىلەن ساقچىلارنىڭ بىرلەشمە چارلاش ھەرىكىتى ئۇيۇشتۇرغان.

خەلققە ھەيۋە كۆرسىتىدىغان بۇ چوڭ چارلاشقا قاتناشقان بىرونىۋىلار ۋە ھەربىي ئاپتوموبىللىرىنىڭ سېپى بىر كىلومېتىردىن ئاشىدۇ.

كىشىلەرنىڭ ئېيتىپ بېرىشىچە، خىتاي بۈگۈن كۇچادا ئېلىپ بارغان ئۇشتۇمتۇت چارلاش، خىتاي جامائەت خەۋپسىزلىك نازارىتىنىڭ يوليورۇقىغا ئاساسەن ئېلىپ بېرىلغان. بۇ ناھىيىدىكى ھەر قانداق ساقچى پونكىتىغا ئىككىدىن قوراللىق قىسىم ئەسكىرى قوشۇپ بېرىلگەن.