خىتاي 2012 - يىلغا قەدەر ئۇيغۇر ئېلى مائارىپنى قوش تىللاشتۇرۇشنى %85 تىن ئاشۇرماقچى

خىتاي ھۆكۈمىتى باشقۇرۇشىدىكى ئۇيغۇر ئېلى ئاخبارات تورلىرىدا بۈگۈن بېرىلگەن خەۋەرلەردىن ئاشكارىلىنىشىچە، خىتاي كومپارتىيە مەركىزى كومىتېتى، ئۇيغۇر ئېلىدە يۈرگۈزۈۋاتقان مائارىپنى قوش تىللاشتۇرۇش سىياسىتىنى يەنىمۇ كۈچەيتىش ئۈچۈن يەنە 3 مىليارد 750 مىليون يۇەن مەخسۇس تۈر مەبلىغى ئاجراتقان.

خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر ئېلىنىڭ قوش تىل مائارىپىغا ئاجراتقان بۇ مەخسۇس مەبلىغى بىلەن 2012 - يىلغا بارغاندا ئۇيغۇر ئېلىدە ئاز سانلىق مىللەت مائارىپىنىڭ قوش تىللاشتۇرۇلۇشىنى %85 تىن ئاشۇرۇشنى پىلانلىغان. بولۇپمۇ مەبلەغنىڭ كۆپ قىسمى ئۇيغۇر ئېلىدە قوش تىل يەسلىلىرىنى قۇرۇشقا سەرپ قىلىنىدىغان بولۇپ، بۇنىڭ بىلەن ئاز سانلىق مىللەت بالىلىرىنىڭ دەسلەپكى ئاڭ تەربىيىسىدىن باشلاپلا خىتاي تىلىنى ئۆگىنىشىنى ئومۇملاشتۇرىدىكەن.

بۇنىڭ بىلەن تەڭ يەنە، خىتاي ھۆكۈمىتى،خىتاي ئۆلكىلىرىدە ئېچىلغان "شىنجاڭ تولۇق ئوتتۇرا سىنىپلىرى"غا ھەمدە ئۇيغۇر ئېلى ئىچىدىكى خىتاي مەكتەپلىرىگە ئېچىلغان تولۇقسىز ئوتتۇرا سىنىپلىرىغا قوبۇل قىلىنىدىغان ئوقۇغۇچىلار كۆلىمىنى ئاشۇرۇشنى ئون بىرىنچى بەش يىللىق پىلانىغا كىرگۈزگەن.

يەنى بۇ يىلدىن باشلاپ خىتاي ئۆلكىلىرىدىكى شىنجاڭ سىنىپلىرىغا يەنە 1000 ئوقۇغۇچى كۆپەيتىپ قوبۇل قىلىنغاندىن باشقا، ئۇيغۇر ئېلىدىكى خىتاي ئوتتۇرا مەكتەپلىرىدە تەسىس قىلىنغان تولۇقسىز ئوتتۇرا سىنىپلىرىدا ئوقۇتىلىدىغان ئاز سانلىق مىللەت بالىلىرىنىڭ سانىنى 8000 گە يەتكۈزمەكچى.

نۆۋەتتە، ئۇيغۇر ئېلىنىڭ بارلىق يېزا - كەنت، قىشلاقلىرىدىمۇ قوش تىللىق يەسلىلەر قۇرۇلۇۋاتقان بولۇپ، يەرلىك دائىرىلەر قوش تىللىق يەسلىلەردە ئوقۇتۇلمىغان بالىلارنىڭ، ئوقۇش يېشىغا توشقاندىمۇ مەكتەپكە قوبۇل قىلىنمايدىغانلىق شەرتى بىلەن ئاتا ‏ - ئانىلارنى بالىلىرىنى ئۈچ ياشتىن باشلاپ خىتايچە ئوقۇتىلىدىغان قوش تىل يەسلىلىرىگە ئاپىرىپ بېرىشكە مەجبۇر قىلماقتا ئىكەن.