شىنخۇا ئاخبارات ئاگېنتلىقى سەيشەنبە كۈنى 18-قۇرۇلتايغا قاتنىشىدىغان ۋەكىللەر تىزىملىكىنى ئېلان قىلغان. تىزىملىكتىن قارىغاندا 2270 كىشىلىك قۇرۇلتاي ۋەكىلىنىڭ پەقەت 12 نەپىرى ئۇيغۇر. ئۇيغۇرلار ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى نوپۇسىنىڭ ئاز كەم 50% نى ئىگىلىسىمۇ، بىراق ئۇلار 42 كىشىلىك «شىنجاڭ ۋەكىللەر ئۆمىكى» نىڭ ئاران 4 دەن بىر قىسمىنى تەشكىل قىلغان. ئىلھام توختى مەزكۇر مەسىلە ھەققىدە ئۇيغۇربىز تور بېكىتىگە سۆھبەت ئېلان قىلىپ: ئۇيغۇرلار ھاكىمىيەتكە قاتنىشىش، ئىشقا ئورۇنلىشىش، مەدەنىيەت جەھەتلەردە بىر قاتار تەڭسىزلىككە ئۇچراۋاتىدۇ، دېگەن.
ئۇنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، ئۇيغۇرلار ئىلى ئوبلاستىغا قاراشلىق سابىق ئىلى ۋىلايىتىدىكى شەھەر، ناھىيىلەردە ناھايىتى زىچ ئولتۇراقلاشقان بولسىمۇ، بىراق پارتىيە، ھۆكۈمەت ئورگانلىرى ۋە دۆلەت ئىگىلىكىدىكى كارخانىلاردا رەھبەرلىك ۋەزىپىسى ئۆتەيدىغان ئۇيغۇرلارنىڭ نىسبىتى ئاران 2.1 پىرسەنتنى ئىگىلەيدىكەن.
ئۇ، مەملىكەتلىك ۋە ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەش، خەلق قۇرۇلتىيىدىكى ئۇيغۇر ۋەكىللىرىنىڭ سانى ئۇيغۇرلارنىڭ ئومۇمى نوپۇسىغا نىسبەتەن ناھايىتى ئازلىقىنى ئەسكەرتىپ: ئۇيغۇرلار شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە قۇرۇلتىيى 18-قۇرۇلتايغا سايلاپ چىققان 42 ۋەكىلنىڭ ئاران 25% نى ئىگىلەيدۇ. بۇ ئاپتونوم رايون نوپۇسىنىڭ 47% نى ئىگىلەيدىغان ئۇيغۇر نوپۇسىغا ماس كەلمەيدۇ. بۇ خىل نامۇۋاپىق ئەھۋال نامدىكى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى ئۈچۈن نېمىدىن دېرەك بېرىدىغانلىقىنى داۋاملىق كۆزىتىپ كۆرۈشكە توغرا كېلىدۇ، دەپ تەكىتلىگەن.
