خەۋەرلەرگە قارىغاندا ياۋروپا بىرلىكىمۇ خىتاينىڭ يۇقىرىقى شىركەتلىرىگە ئوخشاش تەدبىر قوللىنىدىغان.
بەزى سانلىق مەلۇماتلارغا قارىغاندا 2007 - يىلىدىن 2012 - يىلىغىچە بولغان ئارىلىقتا خىتاي ئېنېرگىيە تاختىلىرىنىڭ خەلقئارادا سېتىلىشى نەچچە ئون ھەسسە ئاشقان بولسىمۇ، بازاردىكى سېتىلىش باھاسى 80 پىرسەنت تۆۋەنلىگەن.
ئارقىسىدا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئىقتىسادىي ياردىمى بارلىقى ئىلگىرى سۈرۈلۈۋاتقان بۇ ئېنېرگىيە تاختىلىرى ئامېرىكا قاتارلىق دۆلەتلەردە ئىشلەپ چىقىرىلغان ئوخشاش خىلدىكى مەھسۇلاتلارغا ئادالەتسىز رىقابەت مۇھىتى ياراتقان.
نەتىجىدە ئامېرىكا ۋە ياۋروپا بىرلىكى خىتايدىن كېلىدىغان قۇياش ئېنېرگىيىسى تاختىلىرىغا جازا بېجى قويۇش ئارقىلىق باھانى تەڭشىمەكچى بولغان.
بۈگۈنكى خەۋەرلەرگە قارىغاندا ئامېرىكىنىڭ يۇقىرىقى قارارى خىتاي شىركەتلىرىنى نارازى قىلغان. ئۇلار باياناتلىرىدا ئامېرىكىنى سودا قورۇقچىلىقى قىلىش بىلەن ئەيىبلىدى.