رابىيە قادىر خانىم ياۋروپا ئەللىرىنى زىيارەت قىلىپ، ئۇيغۇر ۋەزىيىتى ۋە ئۇيغۇر مەسىلىسىنى ھەل قىلىشنىڭ چارە-تەدبىرى ئۈستىدە ياۋرۇپا ئىتتىپاقىدىكى مۇناسىۋەتلىك دائىرىلەر بىلەن بىر قاتار ئۇچىرىشىشلارنى ئېلىپ بېرىۋاتقان ئىدى.
خىتاي تاشقىي ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى جياڭ يۈي كۈندىلىك ئاخبارات ئېلان قىلىپ يىغىنىدا ياۋروپا ئەللىرىنى ئاگاھلاندۇرۇپ، " بىز مۇناسىۋەتلىك دۆلەتلەرنى ئۇنىڭ ھەقىقىي ماھىيىتىنى تونۇپ يېتىپ، ئۇنىڭ جۇڭگوغا قارشى بۆلگۈنچىلىك پائالىيەتلەرنى ئېلىپ بېرىشىغا شارائىت ھازىرلاپ بەرمەسلىككە چاقىرىمىز" دىگەن.
رابىيە قادىر خانىم بۇنىڭدىن بىر كۈن بۇرۇن ياۋروپا پارلامېنتىنىڭ كىشىلىك ھوقۇق يىغىنىدا نۇتۇق سۆزلەپ، خىتاي دائىرىلىرىنى ئۆزى بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزۈشكە چاقىرغان، خىتاي ھۆكۈمىتى بولسا ئۇنىڭ سۆھبەت ئۆتكۈزۈش تەكلىپىنى رەت قىلغان ئىدى. جياڭ يۈي يەنە رابىيە قادىر خانىمنى خىتاينىڭ مىللىي سىياسىتىگە "تۆھمەت قىلىش" ۋە "يالغان سۆزلەش" بىلەن ئەيىبلىگەن.
جياڭ يۈي بايانات ئېلان قىلغان شۇ كۈنى ئۈرۈمچىدە ئۇيغۇر باشلانغۇچ مەكتەپ بالىلىرىغا زەھەرلىك ۋاكسىنا سېلىش ۋەقەسى يۈز بەرگەن، خىتايلار ئۇيغۇرلارغا قارشى نامايىش قىلىپ، ۋاڭ لېچۈەننى ئىستىپا بېرىشكە چاقىرىش ۋەقەسى يۈز بەرگەن ئىدى.
رابىيە قادىر خانىمنىڭ بۇ سەپىرىدە بېلگىيە، گېرمانىيە، چېخىيە ۋە پولشا قاتارلىق دۆلەتلەرنى زىيارەت قىلىش پىلانى بار ئىدى.