خىتاي رابىيە قادىر خانىمنىڭ دىئالوگ تەلىپىنى رەت قىلدى

ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ھۆكۈمەت دائىرىلىرى رابىيە قادىر خانىمنىڭ سۆھبەت قىلىش تەلىپىنى رەت قىلغان. فىرانسىيە ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ھۆكۈمەتنىڭ باياناتچىسى خۇ خەنمىن بۇ ھەقتە دۆلەت تېلىۋىزىيىسىدە سۆز قىلىپ، رابىيە قادىر خانىمنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتى بىلەن سۆھبەت ئېلىپ بېرىش سالاھىيتىگە ئىگە ئەمەسلىكىنى ئېيىتقان.

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ رەھبىرى رابىيە قادىر خانىم بېلگىيە پايتەختى بېريۇسىلدا ياۋرۇپا پارلامېنتى كىشىلىك ھوقۇق كومىتېتى بىلەن كۆرۈشكەندە، ئۆزىنىڭ خىتاي دائىرىلىرى بىلەن بىۋاستە سۆھبەت ئۆتكۈزۈشكە تەييار ئىكەنلىكىنى ئېيتىپ: " مەن خىتاي ھۆكۈمىتى بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزۈشكە تەييار، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بىز بىلەن ئولتۇرۇپ يۈز تۇرانە دىئالوگ قىلىدىغان ۋاقتى يېتىپ كەلدى. بىز ئۇلارغا مىللىي سىياسىتىدىكى كەمچىلىكلەرنى كۆرسىتىپ بېرەلەيمىز،" دېگەن ئىدى.

بىرىنچى سىنتەبىر كۈنى ياۋرۇپا پارلامېنتى ئىنسان ھەقلىرى كومىتېتىنىڭ باشلىقى ھەيدى ھائۇتالا خانىممۇ رابىيە خانىمنىڭ مەزكۇر پارلامېنتتىكى زىيارىتى جەريانىدا 5 - ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسى ھەققىدە مۇستەقىل تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىش تەلىپىنى قوللاپ: " مەن ئۇيغۇر رايونىدا ھەر تەرەپتىن خەلقئارالىق مۇستەقىل تەكشۈرۈش ئارقىلىق ئېنىقلاش زۆرۈر بولغان ئىنسان ھەقلىرى دەپسەندىچىلىكلىرى مەۋجۇت دەپ قارايمەن،" دەپ كۆرسەتكەن ئىدى.

بۈگۈن خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى بۇنىڭغا دەرھال ئىنكاس قايتۇرۇپ 5 - ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسىنىڭ خىتاينىڭ ئىچكى ئىشى ئىكەنلىكىنى ئالاھىدە تەكىتلىدى ۋە :" جۇڭگو ھۆكۈمىتى خەلقنىڭ بىخەتەرلىكى، جەمئىيەتنىڭ مۇقىملىقى، مىللەتلەرنىڭ ئىتتىپاقلىقى ۋە دۆلەتنىڭ بىرلىكىنى قانۇن ئارقىلىق كاپالەتكە ئىگە قىلىدۇ. بۇ خىتاينىڭ ئىچكى ئىشى، بۇنىڭغا ھېچقانداق دۆلەت ۋە تەشكىلاتنىڭ ئارىلىشىش ھوقۇقى يوق" دېدى.