ب ب س نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئەي ۋېيۋېينىڭ بىر ياردەمچىسى بۇ خەۋەرنى تۋىتتەر تورى ئارقىلىق پاش قىلغان بولۇپ، ساقچىلار ئەي ۋېيۋېينىڭ ئۆيىگە بېرىپ، ئايالىنىڭ سىرت بىلەن ئالاقە قىلىشىنى ئۈزۈۋەتكەن.
ئىلگىرى نوبېل تىنچلىق مۇكاپاتى ئېرىشكۈچىسى ليۇ شاۋبو مەسىلىسىدە ھۆكۈمەتنى تەنقىد قىلغان رەسسام ئەي ۋېيۋېي 29-مارت كۈنى ياۋروپا مۇخبىرىغا ئۆزىنىڭ گېرمانىيىنىڭ بېرلىن شەھىرىدە بىر بازا قۇرۇپ، رەسىملىرىنى كۆرگەزمە قىلىش ۋە تەشۋىق قىلىشنى داۋاملاشتۇرماقچى ئىكەنلىكى، ھازىر ئۇنىڭ ئاساسلىق پائالىيىتىنىڭ ياۋروپادا ئىكەنلىكىنى، داۋاملىق خىتايدا تۇرسا، تەھدىت بارلىقىنى بىلدۈرگەن ئىكەن.
ئۆكتىچىلىك پىكىردىكى داڭلىق رەسسامنىڭ تۇتۇپ قېلىنىش ۋەقەسى بۈگۈن خەلقئارا مەتبۇئاتلارنىڭ مۇھىم ئۇچۇرى بولدى.