خىتاي رۇسىيە بىلەن ئاۋىئاماتكا ئۇرۇشچى ئايروپىلانلىرى كېلىشىمى تۈزۈشكە ئالدىرىماقتا

خىتاي ھازىر رۇسىيە بىلەن ئاۋىئاماتكا ئۇرۇشچى ئايروپىلانلىرى كېلىشىمى تۈزۈشكە ئالدىرىماقتا. مەركىزى ئاگېنتلىقىنىڭ تەيبېيدىن خەۋەر قىلىشىچە، خىتاينىڭ ھەربىي ئەمەلدارلىرى ئىككى چوڭ يىغىندا ئاۋىئاماتكا ياساشنى تەلەپ قىلغان ئىدى.

رۇسىيە سانائەت تارماقلىرىنىڭ ئاشكارىلاپ قويۇشىچە، سوۋېت ئىتتىپاقى گۇمران بولغاندىن كېيىن، خىتاي ئاۋىئاماتكا ئۇرۇشچى ئايروپىلانلىرى ياساش تېخنىكىسىنى ئۇكرائىنىيىدىن قولغا چۈشۈرگەن، ئەمما ئۇنىڭ بىلەن پۈتۈن تېخنىكا جەريانىنى ھەل قىلالمىغان. شۇنىڭدىن كېيىن، پات - پاتلا رۇسىيىگە ئادەم ئەۋەتىپ، بۇ ھەقتە سۆھبەت ئېلىپ بېرىشقا تىرىشقان.

سۆھبەتلەردە ساپلا كونكرېت تېخنىكىلىق جەريانلارنى سورىغان بولسىمۇ، ئەمما كۆزلىگەن مەقسىتىگە يېتەلمەي كەلگەن ئىكەن.

خىتاينىڭ 'يەرشارى ۋاقتى" گېزىتىنىڭ بايان قىلىشىچە، خىتاي يېقىندا رۇسىيىدىن سۇخوي 33 بەلگىلىك ئاۋىئاماتكا ئۇرۇشچى ئايروپىلانلىرى تېخنىكىسىنى سېتىۋەلىش ئۈچۈن ئېلىپ بارغان سۆھبەتتە ئۈمىدكە ئېرىشكەن.