روسىيە 2015 - يىلىدىن ئېتىبارەن خىتاينى تەبىئىي گاز بىلەن تەمىنلەشنى قارار قىلغان بولۇپ، ئىككى دۆلەت رەھبەرلىرى بۇ ھەقتىكى كېلىشىمنى كېلەر يىلى يازغىچە ھازىرلاپ بولۇشنى ئارزۇ قىلماقتا ئىكەن. كېلىشىم ئىمزالانسا، رۇسىيىنىڭ دۆلەت گاز شىركىتى - گاز پروم خىتاينى 30 يىل تەبىئىي گاز بىلەن تەمىنلەيدىكەن. روسىيە تەمىنلەيدىغان تەبىئىي گاز مىقدارى جەمئىي 30 مىليارد كۇب مېتىرغا يېتىدىكەن.
ئىككى دۆلەت رەھبەرلىرى بۇنىڭدىن سىرت يەنە كۆمۈر، يادرو ئېنېرگىيىسى ۋە يېڭىلىنىدىغان ئېنېرگىيە ساھەسىدىمۇ بىر قاتار كېلىشىملەرنى ئىمزالىغان.
مەلۇم بولۇشىچە، ئىككى دۆلەت ئارىسىدا ئىمزالانغان بۇ كېلىشىملەر، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنىڭ يېقىنلاشقانلىقىدىن دېرەك بېرىدىكەن. خەۋەر قىلىنىشىچە، روسىيە بىلەن خىتاي تېررورچى ۋە بۆلگۈنچى كۈچلەرگە قارشى ئورتاق كۈرەش قىلىش ھەققىدىمۇ كېلىشىم ئىمزالىغان.
خىتاينىڭ ئامېرىكا ۋە ياپونىيە مۇناسىۋەتلىرى يىرىكلەشكەن مەزگىلگە توغرا كەلگەن روسىيە پرېزىدېنتى مېدۋېدېفنىڭ خىتاي زىيارىتى كۆزەتچىلەرنىڭ دىققىتىنى تارتماقتا.