خىتاي 'كېمە ۋەقەسى' گە مۇناسىۋەتلىك رۇسىيىگە قاراتقان تەنقىدىنىڭ تونىنى قوپاللاشتۇردى

خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىكى رۇسىيە دېڭىز مۇداپىئە قىسىملىرىنىڭ 15 ‏ - فېۋرال كۈنى ياپون دېڭىزىدا بىر خىتاي كېمىسىنى چۆكتۈرۈۋەتكەنلىك ۋەقەسىدە رۇسىيىگە قاراتقان تەنقىدىنى كۈچەيتىپ، رۇسىيە دائىرىلىرىنىڭ پوزىتسىيىسىنى "قوبۇل قىلغىنى بولمايدۇ"، دەپ ئەيىبلىگەن.

رۇسىيە بولسا خىتاي يۈك كېمىسىنىڭ چۆكتۈرۈۋېتىلىش ۋەقەسىدە كېمە باشلىقىنىڭ مەسئۇلىيىتى بارلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن. ۋەقەدە كېمىدىكى 16 نەپەر خادىمنىڭ 8 نەپىرى ئۆلگەن ئىدى.

شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىكى ياۋرو‏ - ئاسىيا ئىشلار ئىدارىسىنىڭ باشلىقى جاڭ شىيۈن " رۇسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ ۋەقەگە تۇتقان پوزىتسىيىسىنى "چۈشەنمەك ۋە قوبۇل قىلماق تەس" دېگەن.

بۇ خىتاينىڭ مەزكۇر ۋەقەدە 1‏ - قېتىم رۇسىيىنى ئاشكارە تەنقىد قىلىدىغان سۆزلەرنى ئېلان قىلىشىدۇر. خىتاي ھۆكۈمىتى ئىلگىرى رۇسىيىنىڭ ۋەقەنى تەكشۈرۈشىنى ۋە تەكشۈرۈش نەتىجىسىنى ئۆزلىرىگە ئۇقتۇرۇشىنى تەلەپ قىلغان ئىدى.

خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ تور بېكىتىدىكى باياناتتا ئەسكەرتىشىچە، خىتاينىڭ مۇئاۋىن تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ليۇ خۇي رۇسىيىنىڭ بېيجىڭدىكى باش ئەلچىسىگە "جۇڭگو تەرەپنىڭ بۇ ۋەقەدىن چۆچۈگەنلىكنى ۋە چوڭقۇر ئەندىشىگە چۈشكەن" لىكىنى بىلدۈرگەن. لېكىن، رۇسىيىنىڭ دىپلوماتىك باياناتچىسى ئاندېرىي نېستېرېنكو رىئايە "نوۋوستى" (خەۋەرلەر) ئاگېنتلىقىغا بەرگەن باياناتىدا "ۋەقەنىڭ تراگېدىيىلىك ئاقىۋىتىدىن ئەپسۇسلانغان"، لېكىن شۇنىڭ بىلەن بىرگە "پۈتۈن مەسئۇلىيەتنى كېمە كاپىتانى ئۈستىگە ئېلىشى كېرەك"، دەپ قارايدىغانلىقىنى، چۈنكى كېمە كاپىتانىنىڭ ناھايىتى مەسئۇلىيەتسىزلىك بىلەن ھەرىكەت قىلغان" لىقىنى تەكىتلىگەن.