خىتاي بىلەن رۇسىيە گاز تۇرۇبا قۇرۇلۇشى كېلىشىمى ئىمزالىدى

رۇسىيىدە زىيارەتتە بولۇۋاتقان خىتاي باش مىنىستىرى ۋېن جياباۋ،، رۇسىيە باش مىنىستىرى پوتىن بىلەن كۆرۈشكەندىن كېيىن، سەيشەنبە كۈنى ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدا سىبىرىيە نېفىت گاز تۇرۇبىسى بىلەن خىتاينىڭ گاز تۇرۇبىسىنى تۇتاشتۇرۇش كېلىشىمنامىسى ئىمزالانغان.

خىتاي نېفىت، تەبىئىي گاز گۇرۇھى بىلەن رۇسىيىدىكى ئەڭ زور نېفىت گاز تۇرۇبا گۇرۇھى بولغان (transneft) ترانسنېفىت گۇرۇھى ئۆز ‏ - ئارا كېلىشىم ھاسىل قىلغان بۇ گاز تۇرۇبا قۇرۇلۇشى پۈتسە يىلىغا 15 مىليون توننا نېفىت توشۇغىلى بولىدۇ. مەزكۇر تۇرۇبا سېبىرىيىدىن خىتاينىڭ رۇسىيە چېگرىسىدىكى خۇابېي داچىڭ نېفىتلىكى تۇرۇبىسى بىلەن ئۇلاشتۇرۇلىدىكەن.

ب ب س دا كۆرسىتىلىشىچە، گەرچە خىتاي رۇسىيە بىلەن ئېنېرگىيە سۆھبىتى ئۆتكۈزۈۋاتقانلىقىغا خېلى يىللار بولغان بولسىمۇ، رۇسىيە خىتايغا نېفىت ئىمپورت قىلىشتىكى بەشىنچى ئورۇندا تۇرىدىكەن.

رۇسىيە دۇنيادا سەئۇدى ئەرەبىستاندىن قالسا ئىككىنچى چوڭ نېفىت ئىشلەپچىقىرىش دۆلىتى ھېسابلىنىدۇ. كۆزەتكۈچىلەرنىڭ قارىشىچە، نېفىت باھاسى تۆۋەنلىگەن بىر پەيتتە خىتاي بۇ پۇرسەتنى قولدىن بەرمەسلىككە تىرىشىۋاتقان بولۇپ، بۇ قېتىم خىتاي يەنە رۇسىيە نېفىت شىركىتى بىلەن ھەمكارلىقنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن سۆھبەتلىشىۋاتقان بولۇپ، بۇ سودىدا خىتاي رۇس نېفىت شىركىتىگە بىر مىليارد دوللار مەبلەغ سالماقچى ئىكەن.