خىتاي ۋە رۇسىيە تاجىكىستاندا ھەربىي مانېۋىر باشلىدى

خىتاي، رۇسىيە ۋە ئوتتۇرا ئاسىيا ئەللىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىدىكى دۆلەتلەر جۈمە كۈنى تاجىكىستاندا 3 كۈنلۈك ھەربىي مانېۋىر باشلىدى.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺋﻪﺭﻛﯩﻦ
2009.04.17

مەزكۇر مانىۋېر ئۆتكۈزۈلۈشتىن سەل بۇرۇن خىتاي پاكىستان دائىرىلىرىدىن قەبىلىلەر رايونىدىكى شەرقىي تۈركىستان كۈچلىرىگە ھەربىي ھەرىكەت قوللىنىشنى تەلەپ قىلىپ، ئۇلارنىڭ خىتايغا ھۇجۇم قىلىشنى پىلانلاۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن.
 
فرانسىيە ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، تاجىكىستان دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىكى باياناتچىسى مامادئالىيېۋ مانېۋىر ھەققىدە توختىلىپ،" مانېۋىر مۇناسىۋەتلىك دۆلەتلەرنىڭ تېررورىزمغا قارشى تۇرۇش ھەرىكەتلىرىدىكى ئۆز ئارا ماسلىشىشچانلىقنى ئۆستۈرۈش، خەلقئارا تېررورىزمغا قارشى تەييارلىق كۆرۈشنى مەقسەت قىلىدىغانلىقىنى" بىلدۈرگەن.

مانېۋرنىڭ ئەڭ مۇھىم قىسىمى شەنبە كۈنى فەخرىئاباد ھەربىي بازىسىدا ئۆتكۈزۈلىدىغان بولۇپ، مانېۋىرغا مىڭدىن ئارتۇق ئەسكەر قاتناشماقتا ئىكەن. تاجىكىستان ئوتتۇرا ئاسىيادىكى ئىستراتېگىيىلىك ئەھمىيىتى ئىنتايىن مۇھىم دۆلەت. قىرغىزىستان يېقىندا بىشكەكتىكى ئامېرىكا ھەربىي بازىسىنى چېكىندۈرۈپ چىقىپ كېتىشنى تەلەپ قىلغاندىن كېيىن، ئامېرىكا تاجىكىستاندا بازا قۇرۇش مۇمكىنچىلىكىنىڭ بار - يوقلىقىنى سۈرۈشتۈرگەن ئىدى.
پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.