خىتاي تېخى يېقىندىلا رۇسىيىنىڭ ئوتتۇرا قىسمىدىكى يېكاتىرىنابۇرگ شەھىرىدە كونسۇلخانا ئاچقان بولسا، جۈمە كۈنى رۇسىيىنىڭ جەنۇبىي سىبىرىيە رايونىدىكى مۇھىم سانائەت ۋە سودا - ئىقتىساد شەھىرى ئىركۇتسكى شەھىرىدە كونسۇلخانا ئاچقان.
پەرغانە ئاگېنتلىقىنىڭ بۇ ھەقتە باشقا مەنبەلەردىن نەقىل ئېلىپ كۆرسىتىشىچە، ئېچىلىش مۇراسىمىدا ئىركۇتسكى ئۆلكىسىنىڭ باشلىقى ۋە خىتاينىڭ موسكۋادىكى باش ئەلچىسى سوز قىلغان. ئىركۇتسكدىكى خىتاي كونسۇلخانىسىنىڭ باشلىقى گۇ ئومىن سۆزىدە مەزكۇر كونسۇلخانىنىڭ ئېچىلىشىنىڭ رۇسىيە - خىتاي مۇناسىۋەتلىرىدىكى زور ۋەقە ئىكەنلىكى شۇنىڭدەك بۇنىڭ رۇسىيە بىلەن خىتاينىڭ دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىنىڭ 60 يىللىقى ئۈچۈن بىر سوۋغا ئىكەنلىكىنى كۆرسەتكەن.
نۆۋەتتە، رۇسىيىنىڭ بېيجىڭ، شاڭخەي، خاربىن قاتارلىق بىر قانچە شەھەرلىرىدە كونسۇلخانىلىرى بار بولۇپ، بۇلارنىڭ ھەممىسى ئاساسەن دېگۈدەك سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى بىلەن خىتاينىڭ دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقان دەۋرىدە مەيدانغا كەلگەن. سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى ئەينى ۋاقىتتا ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ئۈرۈمچى، غۇلجا، قەشقەر، چۆچەك قاتارلىق شەھەرلىرىدە كونسۇلخانا تەسىس قىلغان بولۇپ، سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى كونسۇلخانىلىرى 60 - يىللاردا ئىككى دۆلەت مۇناسىۋەتلىرى بۇزۇلغاندا تاقالغان ئىدى.
ھازىر، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى بىلەن رۇسىيىنىڭ ئوتتۇرا ۋە جەنۇبىي سىبىرىيە رايونلىرى ئارىسىدىكى سودا - ئىقتىساد ھەم مەدەنىيەت ئالاقىلىرىنىڭ كېڭىيىۋاتقانلىقى مەلۇم بولسىمۇ، لېكىن رۇسىيىنىڭ ئۈرۈمچىدىكى كونسۇلخانىسىنىڭ ئەسلىگە كەلتۈرۈلۈش - كەلتۈرۈلمەسلىكى ھەققىدە ئۇچۇر يوق.