خىتاينىڭ غەيرىي سانائەت ساھەسىدىكى ئۆسۈش نىسبىتى ئەڭ ئاجىز ھالەتكە چۈشۈپ قالغان

«بلۇمبېرگ خەۋەرلەر تورى» دا كۆرسىتىشىچە، خىتاينىڭ غەيرىي سانائەت ساھەسىدىكى ئۆسۈش نىسبىتى بۇ ئايدا 2011-يىلى مارتتىن بۇيانقى ئەڭ ئاجىز ھالەتكە چۈشۈپ قالغان.

ئەڭ يېڭى ستاتىستىكىغا قارىغاندا، خىتاينىڭ بۇ ساھەدىكى ھالىتى نىسبىتى بۇ يىل ئاۋغۇستتىكى 56.3 پوئىنتتىن 53.7 پوئىنتتقا چۈشۈپ قالغان.

ئۇنىڭدىن باشقا خىتاينىڭ بۇ يىللىق ئومۇمىي ئىشلەپ چىقىرىش قىممىتىنىڭ ئۆسۈش نىسبىتىنىمۇ يىللاردىكىگە قارىغاندا خېلىلا تۆۋەن بولغان.

ئاسىيا تەرەققىيات بانكىسىمۇ خىتاينىڭ بۇ يىللىق ئومۇمىي ئىشلەپ چىقىرىش قىممىتىدىكى ئۆسۈش نىسبىتىنى ئەسلىدە پەرەز قىلىنغان 8.2 پىرسەنتتىن تۆۋەنلىتىپ 7.7 پىرسەنتكە چۈشۈرگەن.

ھالبۇكى، «بلۇمبېرگ خەۋەرلەر تورى» 23 نەپەر ئىقتىسادشۇناستىن پىكىر ئېلىپ ئېلان قىلغان راي سىناش نەتىجىسىگە قارىغاندا، خىتاي ئىقتىسادىنىڭ بۇ يىللىق ئومۇمىي ئۆسۈش نىسبىتى 7.4 پىرسەنت ئەتراپىدا بولىدىكەن.

بۇ خىتاي ئىقتىسادتىكى ئۆسۈش نىسبىتىنىڭ 3 يىلدىن بۇيانقى ئەڭ تۆۋەن چەككە چۈشۈپ قېلىشى. ئىلگىرىكى يىللاردا خىتاي ئىقتىسادى يىلىغا 10 پىرسەنتتىن يۇقىرى سۈرەت بىلەن ئۆسكەن ئىدى.