ئۈرۈمچى كوماندىرلار مەكتىپىدە تېررورلۇققا قارشى مەشىق ئېلىپ بېرىلغان

ئۈرۈمچىگە جايلاشقان چېگرا مۇداپىئە قوراللىق قىسىملىرى كوماندىرلار مەكتىپىدە تېررورلۇققا قارشى ھەربىي مەشىق ئېلىپ بېرىلغان بولۇپ، شىنخۇا ئاخباراتىدا كۆرسىتىلىشىچە، مەزكۇر مەشىققە 100 نەپەردىن ئارتۇق ئوقۇش پۈتتۈرۈش ئالدىدىكى ئوفىتسېرلار قاتناشقان.

مەشىق 7 - ئىيۇن ئۆتكۈزۈلگەن بولۇپ، مەشىق ئالاھىدە مۇھىتقا ماسلىشىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈش، خەرىتە بويىچە ئىلگىرىلەش ۋە يىراق مۇساپىلىك ھۇجۇم تەشكىللەش قاتارلىق مەزمۇنلاردا ئېلىپ بېرىلغان.

مەلۇم بولۇشىچە، مانېۋىر شەكىللىك مەزكۇر ھەربىي مەشىققە قاتناشقان ئوقۇش پۈتتۈرۈش ئالدىكى ئوفىتسېرلار، مەكتەپتە ئىككى يىل تەلىم ئالغان بولۇپ ئوقۇش پۈتتۈرگەندىن كىيىن ھەر قايسى چېگرا پونكىتلىرىغا ۋەزىپىگە تەيىنلىنىدىكەن.

يۇقىرىقىسى بىر قەدەر كىچىك تىپتىكى مانېۋىر ھېسابلانسىمۇ، مەلۇم بولۇشىچە، خىتاي ھەربىي دائىرىلىرى مۇشۇ پەيشەنبە كۈنى، بېيجىڭ ئەتراپىدا چوڭ كۆلەملىك تېررورلۇققا قارشى ھەربىي مانېۋىر ئۆتكۈزىدىغان بولۇپ، مانېۋىرغا ئىچكى موڭغۇلدا تۇرۇشلۇق مەخسۇس تېررورلۇققا قارشى قىسىملىرى قاتناشتۇرۇلىدىكەن.