خىتاي ساقچىلىرى ئەلجەزىرىنىڭ ئۇيغۇرلارنى زىيارەت قىلىشىغا پەقەت پۇرسەت بەرمىگەن

ئەلجەزىرە مۇخبىرلىرى ئۇيغۇر رايونىنى زىيارەت قىلىۋاتقان بولۇپ، خەۋەرگە قارىغاندا ئۇلارنىڭ كەينىگە پۇقراچە كىيىنگەن خىتاي ساقچىلىرى كىرىۋېلىپ، ئۇيغۇرلارنى زىيارەت قىلىشىغا پەقەت پۇرسەت بەرمىگەن.

ئەل جەزىرە قانىلىنىڭ بلوگ بېتىدە 16-سېنتەبىر بېرىلگەن خەۋەردە خىتاينىڭ كۆچمەن سىياسىتى سەۋەبلىك ئەسلىدە رايون نوپۇسىنىڭ 90 پىرسەنتىنى ئىگىلەيدىغان ئۇيغۇرلارنىڭ نۆۋەتتە 40-45 پىرسەنتكە چۈشۈپ قالغانلىقى كۆرسىتىلىپ: ئەسلىدىكى كۆپ سانلىق، ئاز سانلىققا ئايلىنىپ قالغان ئىدى، دەپ يېزىلغان.

خەۋەردە يەنە، بۇ رايوندا ئۇيغۇرلار خىتايلار بىلەن ئاساسەن تەڭ نىسبەتتە بولغانلىقى ئۈچۈن ئۇيغۇرلارنىڭ ئاۋازىغىمۇ ئورۇن بېرىلىشى كېرەك ئىدى، دەپ يېزىلغان.

ھالبۇكى خىتاي بىخەتەرلىك دائىرىلىرىنىڭ، ئەلجەزىرە مۇخبىرلىرىنىڭ ئارقىسىغا كىرىۋېلىپ ئۇلارنى ئەركىن زىيارەت قىلىشقا ئامالسىز قويغانلىقى ئالاھىدە ئەسكەرتىلگەن.

خەۋەردە قەشقەردىكى بىر ۋەقە بايان قىلىنىپ مۇنداق يېزىلغان: بىر قېتىم، نەقىش ۋە تولتا قويۇلغان پىچاقلارنى ياسايدىغان بىر يەرلىك ئۇيغۇر ھەيرانلىق ئىلىكىدە بىزگە كېلىپ گەپ قىلدى. بىر مىنۇت پاراڭلىشا، پاراڭلاشمايلا، ئۇنى بىر قانچە پۇقراچە كىيىنگەن ساقچىلار يانغا تارتىپ، سوراق قىلىشقا باشلىدى ۋە نېمە دېيىشكەنلىكىمىزنى سوراپ كەتتى.

خەۋەردە يەنە، ھۆكۈمەت دائىرىلىرىنىڭ مۇخبىرلارنى قەتئىي قارشى ئالمىغانلىقى بايان قىلىنغان.

خىتاي ھۆكۈمىتى 2009-يىلىدىكى «5-ئىيۇل ۋەقەسى» دىن كېيىن ئۇيغۇر رايونىغا بارىدىغان چەتئەل مۇخبىرلىرىغا قارىتىلغان باشقۇرۇشنى ئىلگىرىكىدىن ھەسسىلەپ ئاشۇرغان ئىدى.