خىتاي ساقچى دائىرىلىرى ئۈرۈمچىدە پۇقراچە كىيىنگەن ساقچىلار قوشۇنى قۇرغان

خىتاي ساقچى دائىرىلىرى ئۈرۈمچىدە پۇقراچە كىيىنگەن ساقچىلار قوشۇنى قۇرۇپ، بۇ يىل 18 - ئۆكتەبىردىن باشلاپ كوچىدا چارلاشقا ئورۇنلاشتۇرۇلغان. بۇ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ "5 - ئىيۇل ۋەقەسى" دىن كېيىن ئالغان ئەڭ يېڭى بىخەتەرلىك تەدبىرلىرىنىڭ بىرى دەپ قارالماقتا.

"شىنجاڭ قانۇنچىلىق گېزىتى" دە بېرىلگەن خەۋەردە ئوتتۇرىغا قويۇلۇشىچە، مەزكۇر ئەترەت ئۈرۈمچى شەھەرلىك جامائەت خەۋپسىزلىك ئەترىتى ئاممىۋى قاتناش ئامانلىقىنى ساقلاش جامائەت خەۋپسىزلىكى شۆبە ئىدارىسىدىكى خادىملار ئاساسىدا قۇرۇلغان.

خەۋەردە مەزكۇر ئەترەتنىڭ "كوچا جىنايەتلىرى" گە زەربە بېرىدىغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەن بولۇپ، ئەترەت خادىملىرى تەڭرىتاغ رايونى، سايباغ رايونى ۋە يېڭى شەھەر رايونى قاتارلىق رايونلارغا بۆلۈنگەن.

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى باياناتچىسى دىلشات رىشىتنىڭ قارىشىچە، مەزكۇر پۇقراچە كىيىنگەن ساقچىلارغا يەنە ئۇيغۇر جامائىتى ئارىسىدىكى سۆز -چۆچەك ۋە ئىش - ھەرىكەتلەر ئۈستىدىن پايلاقچىلىق قىلىش ۋەزىپىسىمۇ بېرىلگەن.

دىلشات رىشىت مۇنداق دېدى: "بۇ خىتاي ھۆكۈمىتى '5 - ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسى' دىن كېيىن ئۈرۈمچىدە يولغا قويغان يەنە بىر تەدبىر. بۇ ساقچىلارنىڭ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇلۇشى ئۈرۈمچىدىكى ئۇيغۇر جامائىتىنىڭ كىشىلىك ھوقۇقلىرىنى تېخىمۇ ئېغىر دەرىجىدە دەخلىگە ئۇچرىتىدۇ."

دىلشات رىشىت ئاخىرىدا، پۇقراچە كىيىنگەن ساقچى قوشۇنلىرىنىڭ كېڭەيتىلىشى، ئۇيغۇر ئېلىدە قانۇنسىز ئادەم تۇتۇش قىلمىشلىرىنى يەنىمۇ ئېغىرلاشتۇرۇۋېتىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.