خىتايدا ئىشلەنگەن ئۈزۈم ھاراقلىرىنىڭ %80 ى ساختا

خىتايدا ئىشلەنگەن ئۈزۈم ھاراقلىرىنىڭ %80 ى ساختا. كوممۇنست ھۆكۈمىتىنىڭ بۇنىڭ بىلەن كارى يوق. خىتايدا چىقىدىغان 'ئاۋام خەلق' ژۇرنىلىنىڭ مۇھەررىرى خۇاڭ لياڭنىڭ مۇخبىرىمىزغا ئېيتىپ بېرىشىچە، خىتايدا ئىشلەنگەن ئۈزۈم ھاراقلىرىنىڭ %80 ىگە چەتئەللەردىن ئىمپورت قىلىنغان ئەخلەت ۋە شېكەر، بوياق، خېمىيىۋىي تېتىتقۇ قوشۇپ ياسالغان، ئەمما ئۇنى 'يۇرتىمىزدا ئىشلىگەن %100 ساپ ئۈزۈم ھارىقى' دەپ ساتىدۇ.

'باۋلياۋ' دەپ ئاتىلىدىغان دورا - دەرمەك، ھاراق شىركىتىنىڭ ئاشكارىلىشىچە، ھازىر خىتايدا سېتىلىۋاتقان باھاسى 60 يۇەندىن تۆۋەن ھاراقلارنىڭ %70 ى ساختا ھاراق.

بۇنداق ھاراقلار ئاساسەن قاۋاقخانىلاردا، تانسىخانىلاردا سېتىلىدۇ. خىتايدا 600 دىن ئارتۇق ھاراق زاۋۇتى قۇرۇلغان كۈنىدىن باشلاپلا ھاراق سېتىشقا باشلىغان زاۋۇتلار، بۇلارنىڭ مەھسۇلاتلىرى تەكشۈرۈشتىن ئۆتمىگەن. ئۇلار مەھسۇلاتلىرىنى ھۆكۈمەتنىڭ ئۆلچەم تەكشۈرۈش تارماقلىرىغا يوللسىمۇ، ھۆكۈمەت ئۇنى تەكشۈرۈپ بەرمەيدۇ.

خىتايدا ئۈزۈم ھارىقىنىڭ ئۆلچەملىرى ھەققىدە 1994 ‏- يىلى تۈزۈلگەن بەلگىلىمە بار. بۇ بەلگىلىمىدە خۇددى چىلى، ئىسپانىيە، ئارگىنتىنالاردىن ئىمپورت قىلىنغان ئۈزۈم ھاراقلىرىدەك %100 ساپ بولۇشى كېرەك، دەپ بەلگىلەنگەن ئىدى.