گۇاڭدۇڭ ئۆلكىسىدىن ئەۋرىشكە ئېلىپ تەكشۈرگەندە ئۆلچەمگە يېتىش نىسبىتى 48% بولغان. خىتاينىڭ سىچۈەن، جېجياڭ، خېنەن قاتارلىق ئۆلكىلىرىدىكى بالىلار بۇيۇملىرىنىڭ لاياقەتلىك بولۇش نىسبىتى تېخىمۇ تۆۋەن بولۇپ، سىچۈەن ئۆلكىسىنىڭ 30% بولغان.
خىتايدا ئىشلەپچىقىرىلغان بالىلار بۇيۇملىرى خەلقئارا لاياقەتلىك ئۆلچىمىگە يەتمىگەنلىكى ئۇچۇن ئالدىنقى 2 يىلدا دۇنيا مىقياسىدا ئومۇميۈزلۈك ھالدا خىتايدا ئىشلەپچىقىرىلغان بالىلار كىيىملىرى ۋە بالىلار ئويۇنچۇقلىرىنى چەكلەش دولقۇنى كۆتۈرۈلگەن بولۇپ، نەتىجىدە خىتايدىكى نۇرغۇن بالىلار بۇيۇملىرى كارخانىلىرى تاقالغان ئىدى.
خىتاي دۇنيادا ئۆلچەمسىز مەھسۇلاتلارنى ئەڭ كۆپ ئىشلەپچىقىرىدىغان دۆلەت، خىتايدىكى كارخانا خوجايىنلىرى پەقەت پۇل تېپىشنىلا نىشان قىلغىنى ئۇچۇن مەھسۇلاتنىڭ سۈپىتىگە ئەھمىيەت بەرمەيدىغان دۆلەت دەپ تەرىپلىنىۋاتقان بولۇپ،. خىتايدا ھەتتا ئىنساننىڭ ھاياتى بىلەن بىۋاسىتە مۇناسىۋەتلىك بولغان مەھسۇلاتلارمۇ ئۆلچەمسىز، بۇلتۇر خىتايدا يۈز بەرگەن " بالىلار سۈت پاراشوكىدىن زەھەرلىنىش مەسىلىسى "، " ساختا دورا ئىشلەپچىقىرىش " ھەم " لاياقەتسىز ھايۋانات يېمەكلىكلىرى " قاتارلىق مەسىلىلەر خىتاينىڭ خەلقئارادىكى سودا ئوبرازىغا دەخلى يەتكۈزۈپ،خەلقئارادا خىتاي مەسئۇلىيەتسىز دۆلەت دەپ قارىلىپ،، خىتاي ماللىرىنىڭ كۇرسىنى چۈشۈرۈۋەتكەن ئىدى.