خىتاينىڭ 'خەلق پۇلى' ئىچىدە 100 يۈەنلىك يالغان پۇل كۆپەيمەكتە

ب ب س ئۆتكەن ئايدا، خىتايدا 100 يۈەنلىك يالغان پۇل پەيدا بولغانلىقىنى خەۋەر قىلغان ئىدى. يېقىندا بېيجىڭدا چىقىدىغان 'خەلقئارا ئاۋانگارت گېزىتى' مۇ يېقىندا، ھازىر ۋيېتنام، بىرما قاتارلىق خىتايغا چېگرىداش دۆلەتلەردىكى پۇل بازىرىدا خىتاينىڭ 'خەلق پۇلى' غا ساختا پۇل ئارىلىشىپ قالغانلىقىنى، بۇ دۆلەتلەردە بۇنداق ساختىپەزلىككە زەربە بېرىش ئۈچۈن ناھايىتى كۆپ ساقچى كۈچىنى سەرپ قىلىشقا توغرا كەلگەنلىكىنى بايان قىلدى.

خوڭكوڭدىكى ئۇچۇر ۋاستىلىرىنىڭ پاش قىلىشىچە، خىتاينىڭ 100 يۈەنلىك 'خەلق پۇلى' ئىچىدە HD90, HB, FA بەلگىلىك ساختا پۇللار خوڭكوڭغا كىرىشكە باشلىغان. بۇنداق ھادىسە ھازىر شەرقىي - جەنۇبىي ئاسىيا شىركەتلىرىنىڭ خىتاينىڭ 'خەلق پۇلى'غا بولغان ئىشەنچىسىنى تۆۋەنلىتىۋەتكەن.

شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ تۈنۈگۈنكى خەۋىرىدە بايان قىلىنىشىچە، خىتاي خەلق بانكىسىنىڭ باشلىقى يې يىڭنەن ھازىر يامراپ كەتكەن ساختا پۇللارنى، گەرچە كۆز بىلەن پەرقلەندۈرۈش قېيىن بولسىمۇ، ئەمما بانكىنىڭ پۇل ماشىنىلىرى پەرقلەندۈرەلەيدىغانلىقىنى، بۇنىڭدىن خەلقنىڭ ئەندىشە قىلماسلىقى كېرەكلىكىنى تەكىتلىگەن.