ئاۋاز خاتىرىسىگە قارىغاندا، خىتاي ئەلچىخانىسى مائارىپ بۆلۈمىنىڭ باش كاتىپى ليۇ شاۋخۇئا خىتاي رەئىسى خۇ جىنتاۋنى كۈتۈۋېلىشقا كېلىدىغان ئوقۇغۇچىلاردىن بۇ ئىشنى مەخپىي تۇتۇشنى تەلەپ قىلغان.
خەۋەردە نەقىل قىلىشىچە، ليۇ مۇنداق دېگەن: "بارلىق چىقىمىڭلارنى بىز كۆتۈرىمىز. بىراق بۇنى سىرتتىكى ھېچكىمگە تىنماڭلار. ھېچكىمگە ھە! پەقەت ئۆز ئارىمىزدىكىلەرلا بىلسە بولدى. بۇ دۆلىتىمىز ئۈچۈن ھېچقانچە پۇل ئەمەس. بۇ بىر كۈرەش. سىياسىي كۈرەش."
مەلۇم بولۇشىچە، ليۇ بۇ سۆزلەرنى 50 نەپەر خىتاي ئوقۇغۇچىغا قىلغان. ئۇ يەنە، ئوتتاۋادا تۇرۇشلۇق خىتاي ئەلچىخانىسىنىڭ ئۆز ئالدىغا 100 ئادەم يىغقانلىقىنى ھەمدە ئوتتاۋادا ياشاۋاتقان خىتاي دىپلوماتلىرىنىڭمۇ كېلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن ۋە "سىلەرنىڭ چوقۇم كېلىشىڭلار تېخىمۇ زۆرۈر" دېگەن.
خۇ جىنتاۋ 20 دۆلەت ئالىي دەرىجىلىكلەر يىغىنغا قاتنىشىش ئۈچۈن ئالدىنقى كۈنى كاناداغا كەلگەن ئىدى.