خىتاينىڭ سەھىيە سىستېمىسى پېتىپ قالغان كرىزىس كۆزەتكۈچىلەرنىڭ دىققىتىنى قوزغىماقتا

بۈگۈن ئامېرىكىدىكى تاشقى ئىشلار مۇنبىرى ناملىق تەتقىقات ئورنى ئېلان قىلغان بىر مۇلاھىزىسىدە خىتاينىڭ سەھىيە سىستېمىسى ئۇچراۋاتقان كرىزىس ھەققىدە توختالغان.

ئۇنىڭ ئېيتىلىشىچە، خىتاي پۇقرالىرى ھازىر خىتايدىكى سەھىيە خىزمىتىنىڭ يېتەرلىك بولماسلىقى، باھاسىنىڭ قىممەتلىكى ۋە بۇ ساھەدىكى چىرىكلىك، پارىخورلۇق ئەھۋاللىرىدىن قاتتىق نارازى بولۇپ، پەقەت 2010-يىلىنىڭ ئۆزىدىلا مەملىكەت مىقياسى بويىچە 17 مىڭ قېتىمدىن ئارتۇق دوختۇرخانا خادىملىرىغا ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسى كۆرۈلگەن.

خىتاينىڭ سەھىيە خىزمەتلىرىدىكى قالايمىقانچىلىق، باھانىڭ يۇقىرىلىقى ۋە دورىلارنىڭ بىخەتەرلىك مەسىلىسىگە ئوخشاش خىتايدىكى ئەڭ جىددىي ئىجتىمائىي كرىزىسنىڭ بىرىگە ئايلانغان بولۇپ، يېڭى رەھبەر شى جىنپىڭ سەھنىگە چىقا ‏-چىقماي ئالدى بىلەن خىتاي پۇقرالىرىنىڭ سەھىيە خىزمەتلىرىگە ئېرىشىش شارائىتىنى ياخشىلاشنى ۋەدە قىلىپ، بۇ ساھەگە سېلىنىدىغان مەبلەغنى بىر ھەسسە ئاشۇرىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

ئەمما يۇقىرىدىكى تەتقىقات ئورگىنىنىڭ ئېيتىشىچە، خىتايدىكى تەتقىقاتچىلار مەبلەغنى بىر تىرليون دوللارغا چىقارغان تەقدىردىمۇ بۇنىڭ يەنىلا خىتاينىڭ ئاممىۋى سەھىيە خىزمەتلىرىدىكى كرىزىسنى ھەل قىلالمايدىغانلىقىنى، خەلقنىڭ تەلىپىنى قاندۇرالمايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

ئۇلارنىڭ قارىشىچە، خىتايدىكى سەھىيە سىستېمىسىدىكى مەسىلىلەرنى تۈزەش ئۈچۈن تېخىمۇ رادىكال بولغان قەدەملەر يەنى بېيجىڭ ھۆكۈمىتىنىڭ يەرلىك ھۆكۈمەتلەر بىلەن بولغان ئالاقىسىنى كۈچەيتىشىنى، تېخىمۇ كەڭ دېموكراتىيىنى، خەلقنىڭ دېموكراتىيىگە قاتنىشىشىنى، دۆلەتنى قانۇن ئارقىلىق ئىدارە قىلىشنى ۋە ھەقىقىي بازا ئىقتىسادىنى يولغا قويۇشنى تەلەپ قىلىدىكەن.

ئۇلار، خىتايدا تۈپتىن ئىسلاھات ئېلىپ بارماي تۇرۇپ، سەھىيە ساھەسىدىكى مەسىلىنى يىلتىزىدىن تۈگىتىشنىڭ مۇمكىن ئەمەسلىكىنى تەكىتلىگەن.