خىتاي شاياردىكى بىر نېفتلىكتىنلا سەككىز يىلدا 15 مىليون توننا نېفت ئېلىپ كەتتى

مەركىزى ئاگېنتلىقنىڭ بايان قىلىشىچە، خىتاينىڭ ئېنېرگىيىگە بولغان ئېھتىياجى ئاشقانسېرى تەكلىماكاندىن نېفىت قېزىشنى شۇنچە تېزلەتمەكتە.

خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، خىتاي 1998 - يىلىدىن باشلاپ تەكىماكاندىن نېفىت ئېلىشقا باشلىغان ئىدى. خىتاي ھازىر كۆلۈمى 560 مىڭ كۋادىرات كىلومېتىر، تەبىئىي گاز زاپىسى 16 مىليارد توننىلىق بۇ نېفىتلىكنى ئۆزىنىڭ ئەڭ چوڭ ئېنېرگىيە تەمىنات بازىسى قىلىشنى پىلانلىماقتا.

خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، شىنخۇئا ئاگېنتلىقى يېقىندا، خىتاي پەقەت شاياردىكى بىر نېفىتلىكتىنلا سەككىز يىل ئىچىدە 14 مىليون 715 مىڭ توننا نېفىت ئېلىپ كېتىپ، بۇنىڭدىن 22 مىليارد 634مىڭ يۈئەن قىممەت ياراتقانلىقىنى ئاشكارىلىغان ئىدى.