خىتاي شىركىتى ئوباما ئۈستىدىن ئەرز سۇنغان بولسىمۇ، ئۇتۇپ چىقالمايدىغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلمەكتە

ئورىگون شتاتىدىكى شامال ئېنېرگىيە مەيدانىنى سېتىۋېلىش سودىسى ئامېرىكا پرېزىدېنتى ئوباما تەرىپىدىن بىكار قىلىنغان خىتاي شىركىتى ئوباما ئۈستىدىن سوتقا ئەرز سۇنغان بولسىمۇ، ئەمما مۇتەخەسسىسلەر بۇ شىركەتنىڭ ئۇتۇپ چىقالمايدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈشمەكتە.

28-سېنتەبىر ئامېرىكا پرېزىدېنتى ئوباما خىتاي پۇقرالىرى ئىگىدارچىلىقىدىكى «راللس» شىركىتىنىڭ ئامېرىكا ئورىگون شتاتىغا جايلاشقان تۆت چوڭ شامال ئېنېرگىيە مەيدانىنى ئۆتكۈزۈۋېلىش توختامنى بىكار قىلغان ئىدى.

مەلۇم بولۇشىچە، ئورىگون شتاتىغا جايلاشقان بۇ ئېنېرگىيە مەيدانى ئامېرىكىنىڭ بوئاردماندىكى دېڭىز ئارمىيە قورال سىستېمىسىنى سىناق قىلىش بازىسىغا يېقىن جايلاشقان ئىكەن.

مەزكۇر بازىدا ئامېرىكىنىڭ يۇقىرى تېخنىكىلىق ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلانلىرى سىناق قىلىنىدىغان بولۇپ، دائىرىلەر ئامېرىكا دۆلەت بىخەتەرلىكىنى كۆزدە تۇتۇپ، بىر خىتاي شىركىتىنىڭ ئامېرىكا بازىسىغا يېقىن جايغا ئورۇنلىشىشنى توغرا تاپمىغان ئىكەن.

«راللس» گۇرۇھى سەيشەنبە كۈنى ئاشكارىلىغان ئەرزنامىسىدە ئوبامانىڭ «ھوقۇق دائىرىسىدىن ھالقىپ كەتكەن» لىكىنى ئوتتۇرىغا قويغان.

رويتېرستا نەقىل قىلىشىچە، سكاددېن ۋاكالەتچىلىك شىركىتىدىكى «راللس» گۇرۇھىنىڭ ئامېرىكا چەتئەل مەبلەغلىرىنى باشقۇرۇش كومىتېتىغا ئالاقىدار ئىشلىرىغا مەسئۇل خادىم ئىۋان شلاگېر، ئامېرىكا قانۇنىدا ئامېرىكىنىڭ دۆلەت بىخەتەرلىكى ۋە دۆلەت مەنپەئىتىگە ئالاقىدار ئىشلاردا ئامېرىكا پرېزىدېنتىغا يۇقىرى دەرىجىدە قارار ئېلىش ھوقۇق بېرىلگەنلىكىنى، شۇڭا خىتاي شىركىتىنىڭ بۇ دەۋادا ئۇتۇپ چىقىشى تەس ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن.

ئامېرىكا مالىيە مىنىستىرلىقى بۇ ھەقتىكى باياناتىدا ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ خىتاي شىركىتى ئەرزىنىڭ ھېچ قىممىتى يوق دەپ قارايدىغانلىقى، شۇڭا دەۋادا ئۆز مەۋقەسىنى قاتتىق قوغدايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.