ئەگەر بۇ ئەرز قوبۇل قىلىنىپ ھۆكۈم چىقىرىلسا، خىتاي شىركەتلىرى ئۈستىدىن زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىلارغا تۆلەم بېرىش ھۆكۈم قىلىنىدىكەن.
تەكشۈرۈش نەتىجىسىدىن مەلۇم بولۇشىچە، خىتايدا ئىشلەنگەن ھاك مەھسۇلاتلىرىنى ئىشلەتكەن ئۆيلەردە ياشىغان ئامېرىكىلىقلاردا، بېشى ئاغرىش، نەپسى بوغۇلۇش، تېرىسى قىچىشىش، كۆزى قىزىرىپ ياللۇغلىنىش قاتارلىق كېسەللەر بايقالغان. ھەتتا بۇ ئائىلىلەردە ئىشلىتىلىۋاتقان تېلېۋىزور، مىكرولۇق ئوچاق قاتارلىقلاردا كۆپ كاشىلا كۆرۈلۈش، كۈمۈش ھەم مىستىن ياسالغان ۋىلكا-قوشۇق، قازان-چۆمۈش قاتارلىق ئاشخانا سايمانلىرىدىمۇ قارىداپ كېتىش ئەھۋالى ئېغىر بولغان.
يېقىنقى يىللاردىن بۇيان خىتايدا ئىشلەنگەن مەھسۇلاتلارنىڭ سۈپىتىنىڭ ناچار، ساختا بولۇشىدەك ئەھۋاللاردىن باشقا، بولۇپمۇ خىتايدا ئىشلەنگەن مەھسۇلاتلاردا زەھەرلىك ماددىلارنىڭ كۆپلۈكى قاتارلىق مەسىلىلەر خىتاي ماللىرىنىڭ خەلقئارا بازاردا چەكلىنىشىگە سەۋەب بولماقتا.
9-ئاينىڭ ئاخىرى گېرمانىيىدە يۈز بەرگەن خىتايدىن ئىمپورت قىلىنغان بۆلدۈرگەندىن زەھەرلىنىش ۋەقەسىدىن كېيىن، ياۋروپا دۆلەتلىرىدىكى پۇقرالار ئارىسىدا خىتايدىن كۆكتات، مېۋە-چېۋە ۋە يېمەكلىك ئىمپورت قىلماسلىق سادالىرى كۈچەيگەن. گېرمانىيە قاتارلىق دۆلەتلەردىكى يېمەكلىك تىجارىتى قىلىدىغان سودىگەرلەر ئاخبارات ۋاسىتىلىرىگە بايانات بېرىپ، بۇندىن كېيىن خىتاينىڭ يىمەك-ئىچمەكلىرىنى ئىمپورت قىلمايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى.