خۇجىنتاۋ چاڭچۈندە كىميوڭئېلنى ئەڭ يۇقۇرى ئۆلچەمدە كۈتۈۋالدى

ئامېرىكا ئاۋازنىڭ بايان قىلىشىچە، خىتاي رەئىسى خۇجىنتاۋ بىلەن خىتاينىڭ مۇئاۋىن رەئىسى شى جىنپىڭ تۈنۈگۈن چاڭچۈن شەھىرىدە، شىمالى كورىيە رەھبىرى كىميوڭئېلنى ۋە ئۇنىڭ ئۈچىنچى ئوغلىنى ئەڭ يۇقۇرى ئۆلچەمدە كۈتۈۋالدى.

خىتاي بۇ ھەشەمەتلىك كۈتۈۋېلىشنىڭ جەريانىنى ئۇچۇر ۋاستىلىرىغا ئاشكارىلىمىدى. تەھلىلچىلەرنىڭ قارىشىچە، كىميوڭئېلنىڭ بۇ قېتىمقى خىتاي زىيارىتى ئۈچىنچى ئوغلىنىڭ ئىزباسارلىق سالاھىتىنى خىتايغا ئېتىراپ قىلدۇرۇش بولۇشى مۇمكىن.

خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، ئۇچۇرۇشۇش ئاياقلاشقاندىن كېيىن، كىميوڭئېلنىڭ يۈك - تاقلىرىنى ئېغىر ئاپتوموبىللار چاڭچۈندىكى نەنخۇ مېھمانخانىسىدىن توشۇپ كېتىپ، ئۇنىڭ مەخسۇس پويىزىغا قاچىلىغان. كىميوڭئېلنىڭ دۆلىتىگە قاچان قايتىدىغانلىقى ۋە قايسى يول بىلەن قايتىدىغانلىقى نامەلۇم.