خىتاي خەۋەرلەر تورىدا كۆرسىتىلىشىچە، بۇ يىل بۇ خىلدىكى تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپلەرگە 5500 ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىنغان بولۇپ، بۇلارنىڭ 90 پىرسەنتى ئۇيغۇر قاتارلىق ئاز سانلىق مىللەت ئوقۇغۇچىلىرى ئىكەن.
خىتاي ھۆكۈمىتى 2000 - يىلىدىن باشلاپ " شىنجاڭ سىنىپى" تۈزۈمى يولغا قويغان ۋە ھەر يىلى ئۇيغۇر ئەلاچى ئوقۇغۇچىلارنى تاللاپ خىتاي ئۆلكىلىرىدىكى تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپلەردە پۈتۈنلەي خىتاي تىلىدا ئوقۇتۇپ كەلمەكتە ئىدى.
خەۋەردە ئوتتۇرىغا قويۇلۇشىچە، " شىنجاڭ تولۇق ئوتتۇرا سىنىپى" يولغا قويغاندىن بۇيان، ئۇيغۇر ئېلىدىن جەمئىي 296 مىڭ ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىنغان. ئۇنىڭدىن باشقا، نۆۋەتتە بۇ خىلدىكى سىنىپلاردا ئوقۇۋاتقان ئۇيغۇر ئېلى ئوقۇغۇچىلىرى 20مىڭغا، سىنىپ تەسىسى قىلىنغان شەھەرلەر 29 غا، سىنىپلار 52گە يەتكۈزۈلگەن.
خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر ئېلىدە يولغا قويۇپ كېلىۋاتقان " قوش تىل" مائارىپى ۋە " شىنجاڭ سىنىپى" سىياسىتى، ئۇيغۇرلارنىڭ ۋە چەتئەللەردە پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان ئۇيغۇر پائالىيەتچىلىرىنىڭ نارازىلىقىنى قوزغىغان. ئۇنىڭدىن باشقا يەنە، بەزى ئۇيغۇر زىيالىيلىرى ماقالە ئېلان قىلىپ، بۇ خىل سىياسەتلەرنىڭ " مائارىپ قانۇنىيىتىگە ئۇيغۇن ئەمەس" لىكىنى ئىلمىي يوسۇندا شەرھلىگەن ئىدى.