خەۋەردە كۆرسىتىشىچە، ئە خىتاي دۆلەتلىك تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى سانائەت، سودا ۋە يېزا ئىگىلىكىدە ئىشلىتىلىدىغان ئېنېرگىيىنىڭ ھەر بىر كىلوۋاتىغا قويۇلىدىغان باجنى بۇ يىل دېكابىردىن باشلاپ 0.03 يۈەن ئۆستۈرگەن.
خەۋەرگە قارىغاندا خىتاينىڭ خۇنەن، گۇيجۇ، گۇاڭشى قاتارلىق دات باسماس پولات، ئالاھىدە پولات ۋە كاربونلاشتۇرۇلغان پولات مەھسۇلاتلىرىنى ئىشلەپ چىقىرىش بازىلىرىدا ئېنېرگىيە بېجى ئالاھىدە ئۆستۈرۈلگەن.
خەۋەردە نەقىل قىلىشىچە، خىتاينىڭ ئىنفورماتسىيە تېخنولوگىيىسى ئانالىزچىسى جاڭ خەنمېي شۇنىڭ بىلەن مەھسۇلاتلارنىڭ تەننەرخى ئۆسكەنلىكى، نۆۋەتتە نۇرغۇن ئېغىر سانائەت شىركەتلىرىنىڭ ئېنېرگىيە بېجى تۆۋەن رايونلارغا كۆچۈشىنى پىلان قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن.
ئۇ مۇنداق دېگەن: خىتاينىڭ غەربىدىكى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى بەلكىم كۆچۈش ئەڭ مۇۋاپىق جاي بولۇشى مۇمكىن.
بۇ يىلنىڭ بېشىدا خىتاي مۇھىت مىنىستىرلىقى ئېلان قىلغان دوكلاتتا، خىتايدىكى ئېغىر سانائەت بازىلىرىنىڭ باشقا رايونغا كۆچۈشۈشى شۇ رايونلاردا مۇھىت بۇلغىنىش مەسىلىسىنى ئېغىرلاشتۇرۇۋېتىدىغانلىقىنى كۆرسەتكەن ئىدى.