يېقىندىن بۇيان لاتىن ئامېرىكىسىدىكى برازىلىيە، ئارگېنتىنا قاتارلىق دۆلەتلەر ھۆكۈمىتى بۇ مەسىلىگە جىددىي قاراشقا باشلىغان.
نيۇ-يورك ۋاقتى گېزىتىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، برازىلىيە ھەم ئارگېنتىنا ھۆكۈمىتى يېقىندا يېڭى قارار چىقىرىپ، ئۆز دۆلەت پۇقرالىرىنىڭ تېرىلغۇ يەرلەرنى خىتاي شىركەتلىرىنىڭ رايوندا كان ئېچىشى ھەم دېھقانچىلىق زىرائەتلىرى تېرىشى ئۈچۈن سېتىپ بېرىشىگە چەكلىمە قويۇلىدىغانلىقىنى ئۇقتۇرغان. ئەمما خەۋەردە دېيىلىشىچە، ھازىر بۇ دۆلەتلەردە خىتاي شىركەتلىرى يەنىلا يەر سودىسىغا زور كۆلەمدە مەبلەغ سېلىشنى داۋاملاشتۇرۇۋاتقان بولۇپ، ئۇلار بۇ دۆلەتلەر قانۇنىدىكى تۈرلۈك يوچۇقلاردىن پايدىلىنىپ، زور كۆلەمدىكى تېرىلغۇ يەرلەرنى ئىگىلىۋالماقتا ئىكەن.
ستاتىستىكىلىق مەلۇماتلاردا ئىپادىلىنىشىچە، 2010-يىلى برازىلىيىدە خىتاي شىركەتلىرىگە سېتىپ بېرىلگەن يەرلەرنىڭ 84% ئى ئاساسەن تېرىلغۇ يەرلەر بولۇپ، ھالبۇكى بۇ يەرلەرنى سېتىۋالغان خىتاي شىركەتلىرىنىڭ 98% ئى بۇ يەرلەرنى سانائەت رايونلىرى قىلىپ ئېچىپ، شۇ رايوننىڭ ئېكولوگىيىلىك مۇھىتىغا ئېغىر دەرىجىدە بۇزغۇنچىلىق قىلغان.
يېقىنقى بىر نەچچە يىلدىن بۇيان خىتاي شىركەتلىرىنىڭ، تۈرلۈك باھانىلەر بىلەن ئۇيغۇر ئېلى ھەم ئىچكى موڭغۇل قاتارلىق جايلاردا دېھقان- چارۋىچىلارنىڭ تېرىلغۇ يەرلىرى ھەم يايلاقلىرىنى ئىگىلىۋېلىشى بۇ رايونلاردىكى ئۇيغۇر ھەم موڭغۇللارنىڭ نارازىلىقىنى قوزغىماقتا. بۇ يىل 23-ماي كۈنى ئىچكى موڭغۇلنىڭ شىلىنغول يايلىقىدا پارتلاپ، پۈتۈن ئىچكى موڭغۇل رايونىغا كېڭىيىپ بىر ھەپتە داۋاملاشقان، موڭغۇللارنىڭ نارازىلىق نامايىشىمۇ، يايلاقنى ئىگىلىۋېلىپ بۇ جايدا كۆمۈر كان ئاچقان خىتاي شىركەتلىرىگە نارازىلىق بىلدۈرۈش سەۋەبىدىن يۈز بەرگەن ئىدى.