ئامېرىكا خىتاي شىركەتلىرىگە ئالاقىدار ئەرز ئۈستىدە تەكشۈرۈش ئېلىپ بارىدىغانلىقىنى بىلدۈردى

ئامېرىكا سودا مىنىستىرلىقى جۈمە كۈنى خىتاي شىركەتلىرىنىڭ ئامېرىكىدا ئەرزان باھالىق پوللارنى تۆكمە قىلىپ ساتقانلىقىغا ئالاقىدار ئەرز ئۈستىدە تەكشۈرۈش ئېلىپ بارىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

مەلۇم بولۇشىچە، ئامېرىكىدىكى ياغاچ پول ياسايدىغان بىر قىسىم چوڭ شىركەتلەر خىتاينىڭ ئەرزان باھالىق پوللارنى ئامېرىكا بازىرىدا تۆكمە قىلىپ سېتىپ، ئامېرىكا شىركەتلىرىنى زىيانغا ئۇچرىتىۋاتقانلىقى توغرىسىدا ئامېرىكا سودا مىنىستىرلىكىگە ئەرز يوللىغان.

بۇ ھەقتىكى ئەرزىنى ئامېرىكىدىكى ئاندېرسون ياغاچ پوللىرى، ئاۋار پولچىلىقى، ۋە شاۋ سانائەت گۇرۇھى قاتارلىقلار بىرلىكتە يوللىغان.

ئەرزدە، خىتايدىن ئىمپورت قىلىنىدىغان ياغاچ پوللاردىن 195 پىرسەنتتىن، 281 پىرسەنتكىچە تۆكمە قىلىپ سېتىشقا قارشى باج ئېلىش تەلەپ قىلىنغان.

ئەرزدە يەنە، بۇ خىلدىكى شىركەتلەرگە خىتاي ھۆكۈمىتى بېرىدىغان ياردەمگە قارشى بىر قىسىم قوشۇمچە ھەقلەرنىمۇ ئېلىش تەلەپ قىلىنغان.

ئامېرىكا - خىتاي سودا ئالاقىسىدا ئامېرىكا تەرەپتە ھەر يىلى نەچچە يۇ مىليارد دوللار قىزىل رەقەم كۆرۈلىدۇ.

مۇتەخەسسىسلەر بۇنى خىتاينىڭ پۇل قىممىتىنى دەرىجىدىن تاشقىرى تۆۋەن تۇتقانلىقى كەلتۈرۈپ چىقارغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن. پۇل قىممىتى مەسىلىسى نۆۋەتتە ئامېرىكا - خىتاي مۇناسىۋەتلىرىدىكى جىددىي خاراكتېرلىك مەسىلىلەرنىڭ بىرىدۇر.