خىتاي شىركەتلىرى مورى، ئارشاڭ، ئاراتۈرۈك ۋە كۈنەس ناھىيىلىرىدە سۇ قۇرۇلۇشى ئېلىپ بارماقتا

'خىتاي خەۋەر تورى' دېگەن تور گېزىتىنىڭ ئۈرۈمچىدىكى سۇ ئىشلار نازارىتىدىن ئالغان ئۇچۇرلارغا ئاساسەن بايان قىلىشىچە، خىتاينىڭ گېجۇبا توسمىسى گۇرۇھى، پەۋقۇلئاددە ئېلېكتر قۇۋۋىتى گۇرۇھى، جوڭتەي خىمىيە سانائىتى گۇرۇھى، جوڭلۇئەن گۇرۇھى قاتارلىق مەبلەغ شىركەتلىرى، 9 ‏- ئاينىڭ 20 ‏- كۈنىدىن باشلاپ بىرلا ۋاقىتتا مورى، ئارشاڭ، ئاراتۈرۈك، كۈنەس ناھىيىلىرىدە چوڭ تىپلىق سۇ ئامبىرى ياساشقا باشلىغان.

'خىتاي خەۋەر تورى' گېزىتى بۈگۈنكى خەۋىرىدە بۇ قۇرۇلۇشلارنى، خىتاينىڭ 19 ئۆلكىسى 'شىنجاڭنى مۇقىم قىلىش' ئۈچۈن ئېلىپ بېرىۋاتقان ئاساسىي قۇرۇلۇشلارنىڭ بىر قىسمى دەپ ئاتىدى.