ۋاڭ لېچۇەننىڭ چوڭ شىركەت ئىستىراتېگىيىسى

بۈگۈن خىتاينىڭ شىنجاڭ گېزىتىدە بايان قىلىنىشىچە، خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى بۇلتۇر خىتايدىكى ئەڭ ئىلغار ئىشلەپچىقىرىش سەۋىيىسىگە ئىگە دەپ قارالغان چوڭ شىركەتلەردىن دۆلەت دورا گۇروھى، گېجۇبا توسمىسى گۇروھى، جوڭخۇا مۈلۈك شىركىتى، جۇڭگو ماددى ئەشيا شىركىتى، چىڭداۋ قۇرۇلۇش شىركىتى قاتارلىق 10 چوڭ شىركەتنى يەرلەشتۈرگەن ئىكەن.

بۇيىل يەنە 160 تىن ئارتۇق شىركەتنى كىرگۈزۈپ يەرلەشتۈرۈشكە باشلىغان. خەۋەردە ئاشكارىلىنىشىچە، ھازىر خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر يۇرتلىرىدا يولغا قويغان چوڭ شىركەت ستېراتېگىيىسىنىڭ ئۈنۈمى كۆرۈلۈشكە باشلىغان.

خىتايدىن كۆچۈرۈپ كېلىپ يەرلەشتۈرۈلگەن بۇ شىركەتلەر ھازىر بۇ رايوندىكى دۆلەت ئىگىلىكىدىكى شىركەتلەرنىڭ نېفت سانائىتى، كۆمۈر كان - ئېلىكتىر سانائىتى، رەڭلىك مېتال سانائىتى، دېھقانچىلىق مەھسۇلاتلىرىنى پىششىقلاپ ئىشلەش سانائىتى قاتارلىق جەھەتلەردىكى بوشلۇقىنى تولدۇرۇشقا باشلىغان.

ئۇيغۇر يۇرتلىرىغا يەرلەشتۈرۈلگەن بۇ خىتاي شىركەتلىرىنىڭ ئىگىلىگەن مۈلكىنىڭ قىممىتى ھازىر 44 مىليارد يۇەندىن ئاشقان.