ئامېرىكىنىڭ «CISCO» شىركىتى خىتاينىڭ «جوڭشىڭ» شىركىتى بىلەن مۇناسىۋىتىنى ئۈزدى

ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى ئىستىخبارات كومىتېتى خىتاينىڭ «خۇاۋېي» ۋە «جوڭشىڭ» شىركەتلىرى ھەققىدە دوكلات ئېلان قىلغاندىن كېيىن، ئامېرىكىنىڭ «CISCO» شىركىتى خىتاينىڭ «جوڭشىڭ» شىركىتى بىلەن بولغان سودا ئالاقىسىنى ئۈزگەنلىكىنى جاكارلىدى.

«CISCO» شىركىتىنىڭ «جوڭشىڭ» شىركىتى بىلەن بولغان ھەمكارلىقىنى توختاتقانلىقى ھەققىدىكى خەۋەرنى «جوڭشىڭ» شىركىتى سەيشەنبە كۈنى كەچتە ئېلان ئىلغان باياناتىدا دەلىللىدى.

مەلۇم بولۇشىچە، مەزكۇر ھەمكارلىق كېلىشىمىنى بىكار قىلىشىنى «CISCO» شىركىتى ئۆزى تەلەپ قىلغان ئىكەن.

بۈگۈنكى خەۋەرلەرگە قارىغاندا، كانادانىڭ مۇناسىۋەتلىك دائىرىلىرىمۇ چەتئەل شىركەتلىرىگە ھۆددىگە بېرىشنى ئويلىشىۋاتقان ھۆكمەتنىڭ بىخەتەر تور قۇرۇلۇشىدىن خىتاينىڭ «خۇاۋېي» شىركىتىنى يىراقلاشتۇرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

دۈشەنبە كۈنى ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى ئىستىخبارات كومىتېتى يۇقىرى خىتاي شىركەتلىرى ھەققىدە ئېلان قىلغان دوكلاتىدا ئامېرىكا شىركەتلىرىنى بۇ ئىككى خىتاي شىركىتى بىلەن سودا قىلماسلىققا چاقىرغان ئىدى.